logo

trugen jacn

پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلىدى

cf6ef17d-f966-4dc2-bf41-d533068b415b

ئىرادە

ۈرۈمچىدىكى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەخسۇس قارار چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلىگەن. بۇندىن سرىت يەنە، ئالىي مەكتەپ ئىچىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي چەكلەش، دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى، دىنىي تېمىلاردا مۇنازىرىلىشىشنى ۋە دىنىي يوسۇندىكى كىيىم – كېچەكلەرنى چەكلەشكە ئوخشاش «6 نى چەكلەش» نى بېكىتكەن

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ تەجرىبىلىرىنى چارشەنبە كۈنى «ئالىي مەكتەپلەردە دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش» تېمىسىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. مەزكۇر يىغىننى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيە تەربىيىسى تەتقىقات مەركىزى» ۋە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئالىي مەكتەپلەردە دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر، دىنىي يوسوندىكى كىيىم – كېچەكلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىدە كىيىلىشىنى توسۇش قاتارلىق تېمىلاردا 160 تىن ئارتۇق مۇتەخەسىس ۋە رەھبەر مەخسۇس مۇزاكىرىلەشكەن

بۇ يىغىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىدى. يۇقىرىدىكى خەۋەردە يەنە، پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2010 – يىلىدىن باشلاپ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر – خىتاي ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى قەيت  قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/dinni-cheklesh-09112014214120.html

Share
1558 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.