logo

trugen jacn

پرېزىدېنت دونالد ترامپ: تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئامېرىكاغا قىلىنغان ‹پېئارل خاربور پورتى ھۇجۇمى› دىنمۇ ئېغىردۇر

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ «پېئارل خاربور پورتى» غا قىلغان ھۇجۇمدىنمۇ ئېغىر، دېدى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپ يۇقىرىقى سۆزنى 6-ماي چارشەنبە ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىملىق ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئامېرىكاغا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ پېئارل خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىشىدىن ۋە ھەتتا 20 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىنمۇ قاتتىق زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز دۆلىتىمىزگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھۇجۇمنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇ بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم. بۇ ‹پېئارل خاربور پورتى ھۇجۇمى› دىنمۇ، دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىنمۇ ئېغىر.»

پرېزىدېنت دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدىمۇ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئامېرىكاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زور زىيان يەتكۈزۈشىدە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بۇ ۋىرۇس يۇقۇمى ئەسلىدە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەسلىدە ئۇنى چىققان يېرىدە، يەنى خىتايدا تىزگىنلىۋېلىش مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇنداق بولمىدى،» دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ خىتاينى ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلاردىن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىتايغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

2019-يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان تاجسىمان ۋىرۇس ھازىرغىچە ئامېرىكادا 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنى يۇقۇملاندۇرغان، 73 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەنلىكى مەلۇم. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

Share
1809 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.