logo

trugen jacn

پرېزىدېنت ترامپ ۋە پرېزىدېنت پۇتىن: ئېلبا دەرياسىدىكى ئۇچرىشىش ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇشنىڭ تىمسالى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 25-ئاپرېل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 1945-يىلى ئامېرىكا-سوۋېت ئارمىيەلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئېلبا دەرياسى بويىدا ئۇچراشقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

بىرلەشمە باياناتتا «بۇ ۋەقە ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيىتىنى نامايان قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ پرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ خىل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشىدۇر.

مەزكۇر بايانات خىتايدا پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ يۇقۇمدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئېلبا روھى دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە چوڭ ئىشلاردا ھەمكارلىشىشنىڭ بىر تىمسالى. بىز بۈگۈن 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقاندا فاشىزىمنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلغانلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.»

ئامەرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى قوللىشى، ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى سوغۇق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە قايتا ئىسىشقا باشلىغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tramp-putin-04272020153513.html

Share
3820 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.