logo

trugen jacn

پرېزدېنت ترامپتىن خىتايغا ئەجەللىك جازا

پرېزدېنت ترامپتىن خىتايغا ئەجەللىك جازا

(ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى)

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالت ترامپ 29. ماي (جۈمە) كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە؛
1. خىتاي، ۋۇخەن ۋىرۇسنى يوشۇردى، ۋۇخەن- بېجىڭ، ۋۇخەن بىلەن باشقا خىتاي شەھەرلىرى ئارىسىدىكى قاتناشنى توختاتقاندىن كېيىنمۇ، ۋۇخەندىن ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ھاۋا قاتنىشىنى توختاتماي، ۋىرۇسنى دۇنياغا تارقاتتى. ئامېرىكىدا ۋۇخەن ۋىرۇس ۋاباسى تۈپەيلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ئۆلۈپ كەتتى. ۋۇخەن ۋىرۇسى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئېغىر ئىقتىسادى ئاپەت كەلتۈردى. بۇنىڭ ھېسابى سورىلىدۇ.
2. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدا بولغاچقا، ۋىرۇستىن دۇنيانى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرمىدى. ئۆزىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارمىدى. ئامېرىكا، دۈنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ. ھەر يىلى بېرىپ كېلىۋاتقان 400 مىليون دوللارنى بېرىشنى توختىتىدۇ. بۇ پۇلنى يەنىلا مۇستەقىل ھالدا دۇنيانىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
3. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىغان خىتاي پۇخرالىرىغا ۋىزا بەرمەيدۇ. ۋىيزىسى بولغانلارنىڭ ۋىيزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
4. ھوڭكوڭ ئەركىن، گۈللەنگەن رايون ئىدى. ھوڭكوڭ خىتاي كىلەچەگىنىڭ ئۈمىدى ئىدى. ئەنگلىيە بىلەن 1984. يىلى قىلغان كېلىشىمدە تۈزۈمنى 50 يىل ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. 50 يىلنىڭ توشۇشىغا يەنە 27 يىل بار. بىراق خىتاي كوممونىستىك پارتىسى بىر مۇنچە خەلقئارالىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قالمىغىنىغا ئوخشاش، ھوڭكوڭ ھەققىدىكى ۋەدىسىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. ھازىر ھوڭكوڭ “بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈمدىن قالدۇرۇلۇپ، بىر دۆلەت بىر خىل تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلدى. ھوڭكوڭنىڭ خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر شەھرىدىن پەرقى قالمىدى. شۇڭا، ھوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ئىمتىيازى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. باج سىستېمىسى خىتايغا قارىتىلغان باج سىستېمىسىغا ئوخشاش يۈكسەلتىلىدۇ. خىتايغا سېتىلىشى چەكلەنگەن تېخنولوگىيە ۋە ئىستىراتېگىيىلىك ماللارنىڭ ھوڭكوڭغا سېتىلىشىمۇ چەكلىنىدۇ. ھوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇشتا قولى بولغان خىتاي ۋە ھوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا تىگىشلىك جازا قوللىنىدۇ.
ترامپ يەنە، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بەرى ئامېرىكىدىن ئىقتىسادى مەنپەت ئېلىپلا قالماي، ھەر خىل يوللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى، سانايى، تېخنولوگىيە سىرلىرىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكىدىن بۇ قەدەر كەڭ كۆلەمدە مەنپەتلىنىپ تۇرۇپمۇ، ئادەتتىكى دۆلەتلەرگە قىلغان تىجارى كەڭ قوللىغىنى ئامېرىكىغا قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا خىتاينى تەڭ- باراۋەر تىجارى مۇئامىلىگە مەجبۇرلاش ئۈچۈن لازىم بولغان ھەممە تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەپسۇسكى، پرېزدىن ترامپ، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. ئىگىلىشىمىزچە، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنى سائەت 2 دە باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ترامپ بىر سائەتكە يېقىن كېچىكىپ چىقتى. سەۋەبى، بۈگۈن دەيدىغان ۋە دېمەيدىغان تېمىلار ئۈستىدە تالاش- تارتىش بولغان بولۇش ئېھتىمالى بار. شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى باشقا بىر كۈنى ئايرىم ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

 

Share
7790 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.