logo

trugen jacn

پروفېسسور سىتەنلي تۇئوپىس: چەكلىك بولغان سۇ مەنبەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقىگە 20يىلدىن 50 يىلغىچە يېتىشى مۇمكىن

tesis-bitmedi-tarlalar-susuz-kaldi-137512

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان تەشۋىقات مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرېتارى دۇ چىڭلىن باشچىلىقىدىكى، خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن. 10-ئۆكتەبىر كۈنى مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سۇ مەسىلىسى بويىچە ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە دۇ چىڭلىن سۆز قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق سۈيىنى تېجەش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. جاڭ چۈنشيەن بولسا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ مەنبەسى تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان كۆل ۋە دەريالارنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، سۇ بايلىقى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بەزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنىڭ 3% ئىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى پاسكىنا سۇنىڭ چىقىرىلىشى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىمۇ، سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرغان. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2015-يىللىق شىنجاڭنىڭ يېزا، كەنت ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمى تاماملانغان. 2015-يىلى رايوندا يېزا، كەنت ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 150 تۈرنى يېڭىدىن (داۋاملىق) قۇرۇش، 603 مىڭ 400 دېھقان-چارۋىچىنىڭ ۋە 139 يېزا، كەنت مەكتەپلىرىدىكى 52 مىڭ 100 ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانلانغان.

بۇ ئورۇن-2005 يىلى دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ 6 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ پاكىز سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلارنىڭ ئاھالىسى ئىچىدىغان سۈيى جەھەتتە ھازىر مۇنداق 3 مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن. بىرىنچى، سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى. ئىككىنچى، سۇ ئارقىلىق كېسەل يۇقۇش ۋە يەرلىك كېسەل پەيدا بولۇش. ئۈچىنچى، سۇنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بوز يەر ئېچىش، سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى پاسكىنا سۇنىڭ چىقىرىلىشى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىمۇ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولماقتا. يەنە كېلىپ، سانائەت ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇ بايلىقىغا بولغان ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەتتا خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولغان باغراش كۆلىنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەسىلىسىگە نېمىلەر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىر مىسال بولالايدۇ. بۇ يىل يانۋاردا ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتناشقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋەكىللىرى باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزم دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. باغراش ناھىيىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ يۆبىن تەشۋىشلەنگەن ھالدا ‹‹ئىلگىرى قايدۇ-كۆنچى دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئون نەچچە ئېقىن باغراش كۆلىگە قۇيۇلاتتى، كېيىن ئازلاپ بەشكە چۈشۈپ قالدى، ھازىر قايدۇ دەرياسىدىن باشقا ئېقىنلارنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ قالدى›› دېدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2012-يىلىدىكى سۇ ئىشلىتىش مىقدارىلا 5 مىليارد 701 مىليون توننىغا يېتىپ، مۆلچەردىكىدىن 1 مىليارد توننىدەك ئېشىپ كەتكەن.

سۇ ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، كۆنچى دەرياسىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالسا، تۆۋەن ئېقىمدىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى شۇنداقلا سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ خەۋپكە ئۇچرايدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلار پايدىلىنالايدىغان تاتلىق سۇ بايلىقى ناھايىتى چەكلىك، ھەرگىز پۈتمەس-تۈگمەس بايلىق ئەمەس.

مۇتەخەسسىسلەر بولسا، ئەسلىدىلا كەمچىل بولغان سۇ بايلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىش ياكى ئىشلىتىشنى تېزلەشتۈرۈشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاياتلىق مەنبەلىرىنى قۇرۇتىدىغان خاتا بىر سىياسەت دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا خىتاينىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوز يەر ئېچىشى ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىشى ھەمدە سۇ مەنبەلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات پروفېسسورى ستانلېي تۇئوپىس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۈيىنى يەنىمۇ ئېچىشتىن كۆرە، چەكلىك بولغان سۇ مەنبەسىنى قانداق قىلىپ تېجەپ ئىشلىتىش ۋە سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى كېرەك» دېدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاران يېتىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ بۇ رايونغا يۆتكىگەندە بارلىق يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئاچقان بىلەنمۇ ھازىرقى سۇ مەنبەسى پەقەت يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ 20 يىلدىن 50 يىلغىچە يېتىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدا سۇنى ئىشلىتىش سۈرئىتى مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بۇ جاي ھاياتلىق مەنبەسى بولغان سۇدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئىنسانلار بۇ رايوندىن كۆچمەي ئامال يوق، چۈنكى سۇسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس» دەپ بىلدۈردى.

پروفېسسور سىتەنلي تۇئوپىس يەنە خىتاينىڭ «غەربنى ئېچىش» ھەرىكىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان قۇرۇلۇشلىرى ۋە نېفىت ۋە كان ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىستېمالى شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا سۇغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىشنى «ئىلمىي تەدبىر ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلدى.
پروفېسسور سىتەنلي تۇئوپىس ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كرىزىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېچىپ پايدىلىنىشقا چەك قويۇش، سۇنى ئىسراپ قىلىشنىڭ، بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

خىتاي نوپۇسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، سۇ بايلىقى كەمچىل دۆلەت. سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش خىتاينى ئېغىر دەرىجىدە قىيناپ كەلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇ بايلىقى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۇن شۆتاۋ ئىلگىرى مەتبۇئاتقا «جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ئىنتايىن ئاز، بىز بۇ جەھەتتە بەك بىچارە» دېگەن ئىدى.

بۇ يىل مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش شەكلى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.. خىتاينىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا زور يەر ئاستى دېڭىزى تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردا «خىتاي ئۆزىنىڭ سۇ قەھەتچىلىكىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى» دېگەن نارازىلىقلار مەيدانغا كەلگەن بىر پەيتتە، يەنە دائىرىلەرنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق سۈيىنى تېجەش خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى»دەپ تەكىتلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا تەكرار مۇلاھىزە قوزغىماقتا.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/su-mesilisi-10122015143513.html

Share
1339 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.