logo

trugen jacn
16 ئىيۇل 2014

پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنى يېڭىدىن نەشرگە تەييارلىدى

b778cf96-4d46-4385-ad00-d9a60280bfa7

 ئەركىن تارىم

11 – ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى تۇنجى قېتىم 1940 – يىللاردا تۈركىيەدە بېسىم ئاتالاي تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان. ئارىدىن70 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە تونۇلغان تۈركولوگ غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بىلەن زىيات ئاققويۇنلۇ ئەپەندى يېڭىدىن نەشىرگە تەييارلاپ نەشىر قىلدۇردى.

تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئەسەر 1120 بەتتىن تەركىپ تاپقان، بىر توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نەشىرگە تەييارلاشتا نۇرغۇن خاتالىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىغان پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئەسەر تۇنجى نەشىر قىلىنغان 1940 – يىللاردىن بۈگۈنگىچە بولغان 70 يىل جەريانىدا تۈركولوگىيەنىڭ زور تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇ تەتقىقاتلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تۈركىي تىللار دىۋانىنى بىرىنچى قېتىم نەشىرگە تەييارلىغاندا خاتا ئوقۇلۇپ، خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان 1500 ئەتراپىدا سۆز – ئاتالغۇلارنى تۈزەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىي تىللار دىۋانىنى قايتا نەشىرگە تەييارلاش جەريانىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەشقەر ۋە ئوپال توغرىسىدىمۇ بەزى يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiy-tillar-diwani-07142014043636.html

Share
2333 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.