logo

trugen jacn

پالتىلىق ھۇجۇمچى مەمەت ئەلى «قاتتىق زەربە بېرىش» مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتۇرۇلغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

9-فېۋرال كۈنى يېڭىسار دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن، 3 نەپەر خىتاي كۆچمەن ۋە بىر نەپەر كەنت كادىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پالتىلىق ھۇجۇمنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، 8 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان ھۇجۇمچى مەمەت ئەلىنىڭ بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋە كورلادا ناۋايلىق قىلغانلىقى، قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، يۇرتى يېڭىسار سېتىلدا سىياسىي تەربىيە كۆرۈۋاتقان مەزگىلىدە قان قۇسقانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 30 نەچچە ياش بولغان مەمەت ئەلى تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ناۋايلىق قىلغان، لېكىن 2014-يىلى 6-ئايدا باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا، ئۇ ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلگەن. جەنۇبتىكى ھەم ئىقتىسادىي، ھەم سىياسىي چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن تىرىكچىلىك ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا كۆزى يەتمىگەن، مەمەت ئەلى شىمالدا تۈزۈم نىسبەتەن بوش دەپ تەخمىن قىلىپ كورلا شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ۋە شۇ يەردە ناۋايلىق قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆچمە نوپۇسنى يۇرتىغا قايتۇرۇش بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا كورلىدىمۇ ئارامچىلىق بولمىغان، مەمەت ئەلىنى تېلېفوندا يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە كۆندۈرەلمىگەن كەنت كادىرلىرى كورلىغا يېتىپ كېلىپ ئۇنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.

يېڭىسارغا قايتۇرۇلۇش بىلەن مەمەت ئەلى يىللاردىن بېرى دەسمايە سالغان دۇكىنىدىن يەنى تىرىكچىلىك يولىدىن ئايرىلغان بولسا، يۇرتىدىكى سىياسىي مۇھىت ئۇنى ئائىلىسىدىنمۇ ئايرىپ تاشلىغان. ئۇ كەنتتە مەخسۇس سىياسىي تەربىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىلگىرى رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارالغانلارغا مانا مۇشۇنداق مەخسۇس سىياسىي تەربىيەلەر بېرىلمەكتە، تەربىيە جەريانىدا، ئۇلار ئۆيگە قايتۇرۇلماستىن، كەنت ئىشخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت ئەلى تەربىيىلىنىش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىپ قان قۇسقان. دائىرىلەر، ئۇنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن يېڭىسار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. دائىرىلەر يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمىنى چەتئەلدىنلا ئەمەس، يېڭىسار خەلقىدىنمۇ يوشۇرۇن تۇتقانلىقى ئۈچۈن، مەمەت ئەلىنىڭ قان قۇسۇشىغا ئۇنىڭ بۇرۇندىن بار بولغان بىلىنگەن ياكى بىلىنمىگەن بىر كېسەلنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ياكى بىر قېيىن-قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە مەمەت ئەلىنىڭ قاتتىق بىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىمالى تىلغا ئېلىنماقتا.

مەمەت ئەلى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 8 بالىسى ۋە ئايالىغا نېمىلەر بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئۇلار كورلادا قېپقالغانمۇ، مەمەت ئەلى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىغا ئېلىپ كېلىنگەنمۇ، يۇرتىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۇرالغۇسى-بىر قورۇ جايى بارمۇ ۋە ياكى مەمەت ئەلى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي تەربىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ؟ بۇ سوئاللار ھازىرچە جاۋابسىز. ئەمما ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، مەمەت ئەلىنىڭ 8 بالىسىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بىر ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان؛ ئۇ سىياسىي تەربىيە كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدە قان قۇسقان. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنىڭ بۇ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، يەرلىك ئاھالىلەر يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمىغا بىر قېتىملىق «جاندىن تويۇش پسىخىكىسى» ۋە ياكى قېيىن-قىستاققا قارىتا ئىنتىقام ئېلىش تۇيغۇسى سەۋەب بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/guma-weqesi-03022017145411.html

Share
875 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.