logo

trugen jacn

پاكىستان تالىبانلىرى خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

pakistan-taliban_1589043c

پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ تارماق گۇرۇھى-تەھرىقى تالىبان بىلەن جامائەتۇل ئەخرار خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشنى، ئەگەر باستۇرۇشنى توختاتمىسا خىتاينىڭ نېگىزلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تالىبان گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى ئېھسانۇللا ئېھساننىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى «ئىھيائى خىلافەت» ناملىق تالىبان ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ تەشكىلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكىدىكى تېررورلۇق گۇرۇھ.

تالىباننىڭ باياناتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى پاكىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى پاكىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى سەۋەبلىك بۇ يىلغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

ئىھسانۇللا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەگەر ئۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، مۇجاھىدلارنىڭ ئۇنى نىشانغا ئېلىشى ئۇزاق ئەمەس» دېگەن.

تالىبانلار خىتاي ئافغانلىق تالىبانلار بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتىنى ياراشتۇرۇشقا كىرىشكەن مەزگىلدە ئاگاھلاندۇرغان.

يېقىندا ئافغانلىق تالىبانلار ۋەكىلى خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

Share
1811 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.