logo

trugen jacn
13 نويابىر 2014

پاكىستان باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

pakistan_basbakani_serif_cinde_h55932

شەنبە كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قوراللىق كۈچلەرگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناۋاز شەرىف بۇ ۋەدىلەرنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان APEC يېغىنىدىن سەل بۇرۇن، يەنى 8 – نويابىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا دۆڭگەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «تېررورلۇق» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خىتاي پاكىستاننىڭ قەبىلە رايوندا ئەل – قائىدا ۋە تالىبان قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا پاكىستان بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.

پاكىستان بۇ كوزىردىن پايدىلىنىپ خىتايدىن ھەر خىل ئىقتىسادىي نەپلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى

«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ناۋاز شەرىفنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىگە كەسكىن زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ناۋاز شەرىفنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 20 تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان

بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئافغانىستان پرېزىدېنتىمۇ خىتايغا ناۋاز شەرىفكە ئوخشاش ۋەدىلەرنى بېرىپ، خىتايغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pakistan-xitay-uyghur-11122014181526.html

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.