logo

trugen jacn

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان

pakistan-cin

دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى گۈلشەنى- ھادېد رايونىدا بومبا پارتلاپ، بىر خىتاي ئىنژېنېر بىلەن ئۇنىڭ شوپۇرى يارىلانغان. كاراچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ب ب س غا بىلدۈرۈشىچە، تىزگىنەكلىك بومبا خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان.

پاكىستان ئاخباراتى، خىتاي ئىنژېنېرنىڭ گۇلشەنى-ھادېد رايونىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى ئېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى. ئەمما كاراچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى رائو ئەنۋەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن مەيداندىن سىندى تىلىدا يېزىلغان «چەتئەللىكلەر سىندىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى كونترول قىلىۋېلىپ بارىدۇ» دېگەن بىر تەشۋىقات ۋەرەقىسى تېپىلغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئاكتىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناۋاز شېرىپ ھۆكۈمىتى يېقىندا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، پاكىستان پارلامېنتىغا پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان ئىدى.

پاكىستان ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىر نەچچە يۈزلىگەن خىتاي پۇقراسى قەشقەر-گۋادار كارىدورى ۋە پاكىستاننىڭ باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشلەيدىكەن. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قەشقەر-گۋادار كارىدور قۇرۇلۇشىنى قوغداشقا 13 مىڭ كىشىلىك ئامانلىق قىسمى تەشكىللىگەن. دائىرىلەر سىندى ئۆلكىسىدىكى خىتايلار مەبلەغ سالغان 111 خىل قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىشلەۋاتقان 1500 نەپەر قوشنا ئەل پۇقراسىنى قوغداشقا ئامانلىق خادىملىرىنى ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ قەيت قىلىشىچە، سىندى ئۆلكىسىنىڭ 1‏-مىنىستىرى قايىم ئالى شاھ ۋە باش تەپتىشى خاۋاجا پارتلاشنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/karachida-partlash-05302016143709.html

Share
1465 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.