logo

trugen jacn

پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

cc4351ab-f3eb-46c3-9b3d-644f245403b1

2015-u0227-pidaiy.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1950 – يىللاردا پاكىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، پاكىستاندا پاكىستان كىملىكى بىلەن ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى نەتىجىسىدە، پاكىستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئافغانىستان كىملىكى بىلەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاشقان بولۇپ، يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قاتارغا قوشۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى، چوڭلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىلىرى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

ھازىر يەنە، جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنىشى لازىم بولۇۋاتقان 3 نەپەر ياشانغان ئۇيغۇر پاكىستان تۈرمىسىدە ئىكەن. پاكىستان كىملىكى بولمىغان بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقالمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/pakistan-uyghur-02272015210900.html

Share
1564 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.