logo

trugen jacn

پاكىستاندىن قايتىپ كەلگەن 3 ئاكا-ئۇكىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئېچىنىشلىق رىيازەتلىرى

sakalli-erkeklere-ve-tesetturlu-kadinlara-savas-acti_m

قۇتلان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ېقىندا ئىنتايىن مۈشكۈلاتلار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكى 2 قېرىندىشىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە بېشىدىن كەچۈرگەن رىيازەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نام-شەرىپىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ياشنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى 3 ئاكا-ئۇكا قېرىنداشنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى پەقەتلا ئۇلارنىڭ پاكىستانغا بېرىپ ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.

ئۈرۈمچىدە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قول-ئىلكىدە بار بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ-يېتىلگەن 3 ئاكا-ئۇكا قېرىنداش دادىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە قوللىشى بىلەن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى پاكىستانغا بېرىپ ئوقۇغان. 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان. يول تاپالىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە ياكى ئەرەب ئەللىرىگە بېرىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار قوشنا ئەللەر ئارقىلىق ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە كېتىپ پاناھلىققا ئېرىشكەن.

مەزكۇر 3 ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار پاكىستاندا 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مىڭ تەستە كۈن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى، ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2003-يىلى ئۈرۈمچىدە بىرىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە يىل تۈرمە ئازابىنى تارتقان.

ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىدە 2 ئاي ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ 2 ئاكىسىدىن بىرىگە 2 يىللىق، يەنە بىرىگە بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى تۈرمىدىكى ئازاب ۋە قىيىن-قىستاق نەتىجىسىدە روھىي جەھەتتىن گۇمران بولۇپ، پسىخىك نورمالسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ.

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2010-يىلىنىڭ كۈز مەزگىلىدە ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلغان بىر خىتايغا مۇشت ئاتقانلىقى سەۋەبىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ ھەمدە 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. كېيىنچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل دەۋا قىلىشى بىلەن 8 ئايلىق قاماق جازاسى كەچۈرۈم قىلىنىپ، 2014-يىلى 1-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-06302015142959.html

Share
1353 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.