logo

trugen jacn

پاكىستاندا 6 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى، ئۇيغۇر ۋەقپىنىڭ ئەزالىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىندى

11078094_421527108026115_5120191975340291594_n

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا خىتاي دۆلەت باشلىقى شى جىڭپىڭ 20-ئاپرېل پاكىستان زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى ۋە ۋەخپىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. رادىئومىز پاكىستانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى، پاكىستان پۇقراسى ئۆمەر ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەخپى ئەزالىرىنىڭ پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار مەلۇم بولدى.

19-، 20-ئاپرېل كۈنلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى فېيسبۇكتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستاندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، پاكىستاندا 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقى،شۇنداقلا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەقپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاندى. ئۇچۇردا، «20-ئاپرېل خىتاي رەئىسىنىڭ پاكىستان زىيارىتى باشلىنىشى بىلەن، پاكىستاندىكى ‹ئۇيغۇر ۋەقپى› نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر سەۋەبسىز ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆمەر ئۇيغۇرنى نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر ۋەقپىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سالدى» دېيىلدى. يەنە بىر ئۇچۇردا «پاكىستان ساقچىلىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئەزالىرى دېگەن گۇمان بىلەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى. ئۇلارنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك بايانلار بېرىلدى.

بىز ئۆمەر ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆمەر ئەپەندىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى. ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەپەندى تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا ساقچى مەھكىمىسىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىرەر سائەتتىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلىشىمىزنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرىدىن قېيۇم ئەپەندىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

قېيۇم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى راۋالپىندىدىكى ساقچى دائىرىلىرى ئۆمەر ئەپەندى قاتارلىق ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئەزالىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن. ۋەخپە باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى بىرقانچە قېتىم ساقچىخانىغا ئاپىرىلىپ سوراق قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئۆمەر ئەپەندىنى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ھەرقانداق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماسلىق ھەتتا ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ كاپالىتى بىلەن ئۆيىگە قايتۇرغان. ئەمما 20-ئاپرېل كەچقۇرۇنلۇقى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ يەنە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن.

قېيۇم ئەپەندى يەنە، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئۆزىنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

قېيۇم ئەپەندىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى 6 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان» لىقى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، تۈنۈگۈندىن بۇيان پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى» دېگەن نام بىلەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ 6 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قېيۇم ئەپەندى ئۆزىنىڭ پاكىستان ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان 6 ئۇيغۇرنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى پاكىستاندا تۇرىدىغان ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. قېيۇم ئەپەندى بۇ قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندىقىدەك تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئېھتىمالى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىر ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە. بۇ ئەھۋاللار ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/pakistan-uyghur-04202015153225.html

Share
1665 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.