logo

trugen jacn

پاكىستان: ۋەزىرىستاندا ئۇيغۇرلارنى بومبىلىدۇق

537d89a1a8a11

پاكىستاننىڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن بىرسى بولغان “داۋىن” گىزىتىسى،چارشەمبە ۋە پەرشەمبە (5.ئاينىڭ 22-23) كۈنلىرى شىمالىي ۋەزىرىستاننىڭ “شەرقى تۈركىستان   ئىسلامھەركىتى”  بازىسى بولغان بىر بازىغا ئادەمسىز بومباردىمان ئايرۇپىلانلىرى بىلەن بوبىلىغانلىغىنى يازدى
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرسى بولغان مىرامشاھ، ئىككى كۈن ئىچىدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك قۇراللىق پارتىزانلاردىن 73 نەپەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

نىيويوروك ۋاختى  گىزىتى;- بۇ بومباردىمان ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ،بومباردىمان قىلىنغان رايوندا شەرقى تۈركىستاندىن،ئۆزبەكىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ توپلانغانلىقىنى،ئۇلار،ۋەزىرىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىغىنى يازدى
پاكىستان،بۇگۈن يەنە ئۇ رايوندا 4 نەپەر پارتىزان رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى ئىلان قىلدى
بۇگۈن يەنى 2014.يىلى 5.ئاينىڭ 23.كۈنى پاكىستاندا زور تەسىرگە ئىگە ۋەزىرىستان “جاماىتى ئۈلۈمائى ئىسلام ” تەشكىلاتىنىڭ رەىسى مەۋلانە فازلۇر راخمان “ بۇ بومباردىماندىن كىيىن پاكىستان مەركىزى ھۈكۈمىتى شىمالىي ۋەزىرىستان بىلەن بولغان دىالوگ يولى كىسىلدى” دەپ بايانات ئىلان قىلدى

537e58a16c288
سىياسى كۈزەتكۈچىلەر؛ پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى بۇ قەتىمقى بومباردىمانىڭ سەۋىبى، “شەرقى تۈركىستان  ئىسلام ھەركىتى” رەىسىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەزىرىستاندىن بايانات ئىلان قىلىپ ۋىدىيوغا قويغاندىن كىيىن،خىتاينىڭ بۇ پاكىت ئارقىلىق پاكىستان ھۈكۈمىتىگە قاتتىق بەسىم ئىشىلىتىشى نەتجىسىدە ئەمىلىلەشكەنلىگى  توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشمەكتە

مەنبە

DAWN.com

http://www.dawn.com/news/1107909/no-air-strikes-conducted-today-claims-isprs

 

Th New York Times

Didi Kirsten Tatlow

Andrew Jacobs

 

Share
4783 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.