logo

trugen jacn

پاكزات قۇربان 13يىللىق مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلىندى

 

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن پاكزات قۇرباننى سۇرىيەگە بارغان دېگەن جىنايەت بىلەن 13يىللىق مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولىشىچە،پاكزات قۇربان 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيىگە چىققان.

پاكزات قۇربان تۈركىيىدە تىل ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام خاتىپقا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقان بولۇپ، يېڭى مەۋسۇم باشلاشتن بۇرۇن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئايدۇرۇمىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە سوراققا تارتىلىپ يۇرتى قارامايغا ئېلىپ كېتىلگەن.

قاراماي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈرمىدە سوراق قىلىشى جەريانىدا قاڭشىرىنى ئۇرۇپ يېرىپ ، بەل قوۋغۇرىسىدىن 3تالنى سۇندۇرۋەتكەن. قاتتىق قىيىن -قىستاققا ئېلىنغان مەجبۇرىي ھالدا يوق ئىشلارنى« قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلدۇرغان . خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پاكزات بىلەن ئالاقىسى بولغان 50دىن ئارتۇق كىشنى تۇتقۇن قىلغان.

2017-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 16ياشقا كىرگەن پاكزاتنى «سۇرىيەدە ئەسكىرى تەربىيىلەشكە بارغان» دېگەن بوھتان بىلەن مۇددەتلىك 13يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىنغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئوسمۇرلەرگىمۇ تۆھمەت جىنايەت ئارتىپ ئۇزۇن يىللىق قاماقلارغا مەھكۈم قىلپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلماقتا

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى

Share
955 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.