logo

trugen jacn

پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنماقتا

timthumb

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان پاسپورت يىغىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شىخەنزە، ماناس، قۇمۇل ۋە مىدۇڭ شەھىرىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ 18-ئۆكتەبىرگىچە پاسپورتلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى. بۈگۈن ئىستانسىمىز مۇخبىرى شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، خەۋەرنى دەلىللىدى. تېلېفونغا چىققان خادىم پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا بىردەك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پاسپورت يىغىۋېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شىخەنزە شەھىرىدىكى ئاھالىلەر كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پاسپورتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ج خ ئىدارىلىرىگە ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ۋە سەپەر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-pasport-10202016150756.html

Share
774 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.