logo

trugen jacn

پارىژدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

İlham Tohti

پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

8 – ئىيۇل فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

بىز مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا يىغىن ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىندىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئەركىن ئابلىمىت يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن تۇرسۇنجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن يىغىن تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەش يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/parizh-5-iyul-ilham-toxti-07092016001859.html

Share
1865 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.