logo

trugen jacn

پارىجدا خىتاي پاشىخانىلىرىغا باسقىن

gaimaidam

پىرانسىيە  رادىيوسى  خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا،2.ئاينىڭ 6.كۈنى پارىج ساقچىلىرى  پارىجدىكى كىچە تانسىخانىلىرى ۋە رىستوران ئىسمى ئاستىدا پاھىشىلەرنى بازارغ سالىدىغان يەرلەرنى باسقان بولۇپ،كۆپۈنچىسى ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى بولغان 200 دىن ئارتۇق خىتاي قىزلىرىنى جىنايەت ئۈستىدە قولغا چۈشۈرگەن

خىتاي ماپيالىرى،خىتايدىن ساياھەتچى بولۇپ پارىجغا كەلگەن پۇلدار ۋە ھۇقۇقدارلارغا بۇ قىزلارنى بىر كىچىلىكى 500-800 ئاۋروغا سۇلاپ بىرىدىكەن

پىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ئوقۇغۇچى خىتاي قىزلار كۈندۈزى ئوقۇپ،كىچىلىرى پاشىخانىدا رۇخسەتسىز جىنسى خىزمەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،تاپقان پۇللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئىۋەتىپ بىرىدىكەن

قىزلارنى بازارغا سالغان ماپيالارنىڭ ئۆيلىرىدىن 100 مىڭلاپ ئاۋرو تىپىلغانلىقى بىلدۈرىلدى
پىرانسىيە قانۇنىدا،تەشكىللىك ھالدا پاھىشە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ

ئۇنىڭدىن  باشقا پارىجدا يەنە خىتايلار ئولتۇرىۋاتقان بىر يەردە مەخپى مەتبۇئات ماشىنىلىرى تىپىلغان بولۇپ،ماشىنىدا،ھەر خىل ساھتا دوكومانتلار بىسىپ،ياۋرۇپاغا كەلگەن خىتايلارنىڭ يەرلىشىشى ئۈچۈن ساھتا بەلگىلەر ھازىرلاپ بىرىدىكەن

خەۋەردە،ھازىرمۇ پىرانسىيەدە خىتايلارغا ئائىت نۇرغۇن رىستوران ۋە باشقا ئىش يەرلىرى بىسىلىۋىتىپتۇ

مەنبە:پىرانسىيە ردىيوسى خىتايچە تور بىتى

法国巴黎中国淫媒网被破获:两百多中国“大学生”妓女为中国富人提供淫乐

Share
1936 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.