logo

trugen jacn

يەنە بىر قېتىم سوئال: مىللىتىمىز چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

 

 

سەھەر

 

يېقىندا  مىللىتىمىز چەتەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن تېمىدا بەزى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.

مىللىتىمىز چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئال مەنى يەنە بىر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرلىدى.

 

يېقىندا دوستلار ۋھاتسۇپ ئارقىلىق ئەۋەتكەن بىر قىسقا سىن ئالغۇنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىن ئالغۇدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى بىر چىملىقتا ياتقان گۈزەل قىزنىڭ مەركىزى نۇقتىدىن سىرلىق ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يىراقلىشىشى ھەتتا يۈز مىليارد نۇر يىلى قەدەر يىراقلىشىشى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. مەن بۇ ھادىسىنى ئۆز-ئۆزۈمگە تەتبىقلىدىم. مەن خەلقىم بىلەن بولغان ئارىلىقىم كۈندىن كۈنگە ئەنە ئاشۇ سىن ئالغۇ لېنتىسىدىكى ئۇزاقلىق تەك ئۇزاقلاپ ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقان تېڭىرقىغان بىر جانلىق ئىدىم. بۇ يىراقلىشىشلارغا مىللىتىمىز چەتەلدىكى مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن سوئالنى قوشقاندا، ھاياتىم خۇددى چەمبەر شەكىللىك قەپەس ئىچىگە سولاپ قويۇلغان چاشقاننىڭ  قانچە كۈچ بىلەن ماڭسىمۇ يەنىلا بىر نۇقتىنى چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتەتتى. بىردىنلا خىيالىمغا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىمىز سورايدىغان «ماڭىدۇ-ماڭىدۇ قىرىدىن ئاشالمايدۇ. ئۇ نېمە؟» دېگەن سوئال كەلدى. ئۇ كىم بولاتتى مەن دېدىم ئۆز ئۆزۈمگە.

 

كۆزۈمنى يۇمدۇم. ئۈندىدار سۇپىسى دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستلار، ئۇرۇق تۇغقانلار، خىزمەتداشلار ……. قىسقىسى خەلقىمنىڭ نىدالىرى قۇلىقىم تۈۋىدە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ھازىرچە ئالاقە قىلماي تۇرايلى…….. ھەر جايدا ئامان بول…. دېگەن سادالار بارغانچە ئاستىلاپ ئاڭلانمىغۇدەك دەرىجىدە مەندىن ئۇزاقلاپ كەتتى. خۇددى ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ قانچە مىليون نۇر يىللىرى قەدەر ئۇزاقلىغان مۇساپىدەك.

 

ھالىم شەھەر سېپىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بالىنىڭ، شەھەرنىڭ ئىچىنى مارىشىغا ئوخشايتتى.

 

ھەر كۈنى ۋەتىنىم ۋە خەلقىم بىلەن بولغان ئارىلىقىمنىڭ ئۇزاقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇ تەرەپتىن ھېچ بىر تىۋىش ۋە سادا كەلمەيۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن  ئەلۋەتتە، بۇنداق ئۇزاقلىشىش خەير دىن دېرەك بەرمەيتتى. دېمەك ۋەتىنىم ۋە خەلقىم، بىر خەتەرنىڭ بوسۇغىسىدا.

 

بىردىنلا بۇندىن 14 يىل مۇقەددەم ۋەتەندىكى چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ چاغلاردا مەن رادىئو ھېرىسمىنى ئىدىم. قايسى ماركىلىق رادىئو چەتەل رادىئوسىنى ياخشى تارتىدىغاندۇ دېگەن ئىزدىنىش بىلەن، توختىماي ماگىزىن ئارىلاپ، تېخنىكلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپىنچە ۋاقتىم رادىئو بىلەن ھەپىلىشىپ  ئۆتەتتى. مەقسىتىم چەتەللەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنى بىز ھەققىدە نېمىلەرنى دەۋاتقاندۇ؟ چەتەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسى قانداق بولۇۋاتقاندۇ دېگەنلەرنى بىلىش ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەن چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنى، دېموكراتىك ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلغان، يۈرىكىدە ۋەتەن مىللەت ھېسسىياتىنى ھەر ۋاقىت كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئۇيغۇرلار دەپ ئويلايتتىم. ئەينى  چاغلاردا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىشلىرى ھازىرقىدەك شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ناگان-ناگاندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر پارچە خەۋەر ئاڭلاپ قالسام ئىنتايىن ھاياجانلىناتتىم. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى ئېچىلىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، خۇددى كىچىك بالىدەك ئىچ-ئىچىمگە پاتماي قالغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. شەھىرىمىزدىكى داڭلىق بىر رادىئو ئۇستىسىنىڭ ياردىمىدە شۇ چاغنىڭ پۇلىغا ئىنتايىن قىممەت بولغان ياخشى بىر رادىئو سېتىۋالغان ۋە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. ئۇ چاغدىكى ھالىم خۇددى قورۇ ئىچىگە سولىنىپ قالغان كىچىك بالىنىڭ، تامغا شوتا قويۇپ سىرتقا قاراۋاتقان ھالىتىگە بەك ئوخشايتتى.

رفا نىڭ ئارىلاپ ئارىلاپ بېرىلىپ قالىدىغان نامايىش خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن ھاياجانلىناتتىم. كاشكى قاناتلىرىم بولسا ئۇچۇپ بېرىپ مەنمۇ شۇ نامايىشنىڭ ئىشتىراكچىسى بولسام دەپ ئويلايتتىم. كېچىلىرى ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايتتىم نامايىش كاللامغا كىرىۋالاتتى. ئىدارەمدە  ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسىي ئۆگىنىشلەر، مائاش ئۆستۈرۈشلەر ۋە ئىلغار سايلاش دېگەندەك نەرسىلەرگە قىلچە پەرۋا قىلمايتتىم. ئۇ چاغلاردىكى يەنى ۋەتەن ئىچىدىكى ھېسسىياتىم بويىچە بولغاندا، ۋەتەن مىللەتكە بىر ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ بىردىن بىر يولى چەتەلگە چىقىپ نامايىش قىلىش  دەپ ئويلايتتىم.

چەتەل رادىئوسىنىڭ كۆپ تىڭشىغانلىقىم ئۈچۈن بولسا كېرەك، چەتەل ھەققىدە ئويلىنىش، چەتەلگە چىقىپ كېتىش خىيالىمنى ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى. ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى جاي چەتەل دەپ ئويلايتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە. دەرھەقىقەت سىياسىي شوئارلار، سۈنىي دەبدەبىلىك سۆزلەر ۋە قاتمۇ قات توسۇقلار، ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى ۋە مېڭىلىرىنى تەز كاردىن چىقارغۇچى سىياسىي ئۆگىنىشلەر، ماددىي، مەنىۋى ۋە سىياسىي بېسىملار سەۋەبىدىن، ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ، ۋەتەن مىللەت مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دېگەن بۇ سوئال ئاستىدا ئاللىقاچان ئېزىلىپ قېلىۋاتقان ئىدىم. بەزى چاغلاردا ئۆزۈمدىن نېمىلەرنى كېتىدىغانلىقىمنىمۇ بىلەلمەي قالاتتىم. تۇيۇقسىز كېتىش قارارى ئالدىم بۇ شەھەردىن.

مەن ئەسلىدە بۇنداق بۈيۈك قارارلارنى ئالالايدىغان ئۇنچىلىك بىر قەيسەر ئادەم ئەمەس بەلكى،  مىشچانكا بىر نەرسە ئىدىم.

ھەيران قالىمەن ئۆز –ئۆزۈمگە بۇنداق بەشى يوغان قارارلارنى ئېلىش نىيىتىگە تۇيۇقسىز كەلگەنلىكىمدىن. بۇ كېتىش قانداقتۇر ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە كېتىش ئەمەس بەلكى، ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەش ئىدى. مەنى بۇنداق زور، بۇنداق جەسۇرانە قارارلارنى ئېلىشقا ئۈندىگەن زادى نېمە؟ خارۋارت، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپنامىسىمۇ؟ ۋە ياكى چەتەلدىكى بىرەر باي تۇتقىنىمنىڭ سودا تىجارەت تەكلىپىمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. مەن ئاشۇ كىچىككىنە خىلۋەت شەھىرىمدىن ئايرىلغان ۋاقتىمدا، قولۇمدا خىتايدىن ئالىدىغان ئازراققىنە مائاشىمدىن باشقا ھېچنەرسەم يوق ئىدى. پەقەت خىيالىمدىكى بىر يۆلەنچۈكۈم دۇنيا ئادالىتىگە پاناھلىنىش. ئەمما دۇنيا ئادالىتى ماڭا قانچىلىك مۇئامىلە قىلىدۇ؟ بۇنىمۇ بىلمەيتتىم. ئەمما بۇ بىر تەۋەككۈلچىلىك ئىدى خالاس. ماڭغان يولۇم يا خەيرلىك يول يا شەررىلىك يول بولۇپ چىقاتتى. ھەر نەرسىنى ئاللاغا تەۋەككۈل قىلدۇق.

 

مەندەك بىر مىشچانكىنى بۇنداق قەيسەر، ۋە بۇنداق جەسۇرانە، بېشىمدىن يوغان قارارلارنى ئېلىشقا تەشەببۇس قىلغان نەرسە زادى نېمە؟

 

شەھىرىمدە يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ئىدى. دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان تۇغما بىر چاقچاق خاسلىقىغا ئىگە، كۈلكە چاقچاق ماكانى غۇلجا بىر كېچىدە قان پۇرايدىغان، ھەر يەردىن يىغا زارە، نالە پەرياد ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ھەر يەردە شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى كۆتۈرۈشكەن يەجۈجى، مەجۈجلەر يوغان قوپال ۋە قاتتىق ئاياغلىرى بىلەن، بۇ چاقچاقچىلار شەھىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋەتتى.

 

مەن كېتىش قارارىنى ئالغاندا، توغرىسى ئۇ قۇتۇپتىن، مەن ئۈچۈن تولىمۇ قاراڭغۇ بولغان ناتونۇش بۇ قۇتۇپقا سەكرەش قارارىنى ئالغاندا، ئۆزۈمنى خەلقىم ئۈچۈن بىر چارە دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن ئۆزۈمنى كۇھىقاپ ئىچىدىكى خەلقىمنىڭ تاشقى دۇنيادىكى بىر ئاۋازى، نامايىشلارنىڭ بىر ئىشتىراكچىسى، بىر چۇقان، بىر نىدا، بىر سادا دەپ ئويلىغان ئىدىم.

 

مەن كېتىشتىن  ئىبارەت بۇ زور قارارنى ئالغان ۋاقتىمدىن  ئېتىبارەن، كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەس بولغان ئىدى. نە خىزمەت يۇقىرى مائاش، نە ئۆي،  نە بايلىق، نە ئۆلۈم، نە ئەجدادلىرىمنى قەبرىسى دېگەندەكلەر مەنى توسۇپ قېلىشقا يېتەرلىك كۈچ بولۇشتىن ئىبارەت سالاھىيىتىنى يوقاتقان ئىدى.

 

ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 2-بېكىتىم بولغان مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ، شەھىرىمدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار، تۇتقۇن قىلىشلار، ناھايىتى يوغان ۋە ئېغىر ئاياغلارنى كىيىۋالغان قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ مەھەللىلىرىمىزنى قانداق دەسسەپ چەيلىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلىگەندە، ئەتراپىمدىكىلەر سۆزلىرىمنى ئۈن تۈنسىز تىڭشايتى-دە ئاندىن يېن ئۈن-تۈنسىز بىردىن ئىككىدىن كېتىپ قېلىشاتتى. مەن بىردە يىغلاپ بىردە كۈلۈپ، بىردە قوللىرىمنى شىلتىپ، بىردە بويۇنلىرىم قىزارغۇدەك كۆپۈپ دېگۈدەك سۆزلەپ، خۇددى كىنولاردا رول ئېلىۋاتقان ئارتىسلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم.

 

چەت ئەلدە، مەن ئارزۇ قىلغان، توختىماي خىيالىنى سۈرگەن، نامايىشلارنى ئاخىرى تاپتىم. يازدىم. ……….. ئەمما  ئىچىمدىكى بىر بوشلۇق مەنى ھەر ۋاقىت ئازابلاپ كېلىۋاتاتتى. ۋەتەن ۋە مىللىتىم ئالدىدىكى مەسۇلىيەت ئالدىدا مەن بەزىدە ئۆزۈمنى، چەكسىز كەتكەن قۇرغاق يەرلەرنى قاندۇرالمايۋاتقان ئېرىق سۈيىدەك ئاجىز، بەزىدە چۆل گۈللىرىدەك يالغۇز قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. بۇ يالغۇزلۇقلىرىمنىڭ ئەلۋەتتە يېنىمدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى بىر كۈچنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىدى.

 

مەن ئۆزۈمنى  ۋەتىنىم ۋە خەلقىمنىڭ بىر چارىسى سۈپىتىدە قوينىغا ئاتقان چەتەل دە، خۇددى نورۇز كېلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا يېرىلىپ ئاندىن، بىر بىرى بىلەن قىستىلىشىپ ئېقىپ، ئاخىرىدا شىمالى مۇز ئوكياننىڭ سۇلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئاشۇ يوغان مۇز پارچىلىرىدەك، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېرىپ كېتىۋاتاتتىم.

 

مىللىتىم چەتەلدىكى مەندىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ئەلۋەتتە مىللىتىمنىڭ بىر دەردى، ھەسرىتى، بىر مەسىلىسى بولمىسا ئىدى. مەندىن بىرنەرسىلەر كۈتمىگەن بولاتتى. كىشىلەر كۈچلۈكلۈك بىلەن ئاجىزلىق ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قىلغاندا، تۇخۇمنىڭ تاشقا ئۆزىنى ئۇرۇشىنى مىسال قىلىشىدۇ. ئەمما تۇخۇمنىڭ بىر دەردكە مۇپتىلا بولمىسا تاشقا ئۆزىنى ئۇرمايدىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلىمەيدۇ.

پەرۋانە بىلەن شام-چىراق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كىشىلەر پەرۋانىنى شام-چىراققا ئاشىق بولغانلىقى ئۈچۈن چىراغقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئۆلىدۇ دەپ قارايدۇ. بەلكى پەرۋانە شام چىراغقا ئاشىق ئەمەس بولۇشى، بەلكى ئۆچى بولۇشى ياكى دەردى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەينى يىللاردا مېنىڭمۇ تىپ تىنچ خاتىرجەم مۇھىتىمنى بۇزۇپ، مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ بولغان غەرب دۇنياسىغا ئۆزۈمنى ئېتىشىم، تۇخۇمنىڭ تاشقا ئۆزىنى ئۇرۇشى ۋە پەرۋانىنىڭ شام چىراغقا ئۆزىنى ئۇرۇشىدەك بىر ئەخمىقانىلىك كۆرۈنەتتى باشقىلارغا.

ۋەتەن كوچىلىرىدا، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ  قوللىرىغا پىچاق قىڭراق كۆتۈرۈۋېلىپ، خىتاينىڭ چىش تىرنىقىغىچە قوراللانغان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى، تۇخۇمنىڭ دەردى بولمىسا تاشقا ئۆزىنى ئۇرمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ئىدى. ئەمما كۈچكە ئۆزىنى ئېتىش، قېچىش ۋە سۈرگۈنلەرنىڭ ئاستىدا ئىنسان تەرىپلەپ تۈگەتكۈسىز كۈچلۈك بىر روھ غەيرەت ۋە جاسارەت، ئىسيانكارلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

 

تاغ چوققىسىدىكى قارىغاينى، كۈچلۈك ۋە  دەھشەتلىك بوران چاپقۇن، قىش زىمىستان كېلىپ ئۇرىدۇ. ئەمما قارىغاينى غۇلىتالمايدۇ. چۈنكى قارىغاي بوران چاپقۇن ۋە قار شىۋىرغانلارغا كۆنگەن، چېنىققان. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياغاچ ماتېرىياللارغا ئېھتىياجى چۈشكەندە ئالدى بىلەن، قارىغاينى تاللايدۇ. ۋەتەن ۋە مىللىتىمىز ئەنە شۇنداق ھەر خىل بوران چاپقۇنلاردا پىشقان قارىغايلارغا ئېھتىياجلىق.

 

شۇنداق، ھەر تاللاش بىر چارە، مېنىڭمۇ ئەينى يىللاردا سۈرگۈن يولىنى تاللىشىم ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئۈچۈن ئامال چارە ئىزدەش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ چاغلاردا چارە ۋە چارىسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى  ئىبارە ئالدىدا كۆپ سوراققا تارتىلدىم. ئەڭ ئېغىر چارىسىزلىق ئۆز-ئۆزۈمدىن خەلقىم ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلالىدىممۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراش ئىدى.

ئەڭ قارانلىق چاغلاردا، ئەڭ چارىسىز  ئەڭ ئۈمىدسىز ۋاقىتتا ئۆزۈڭنى مەن چارە دەپ ئوتتۇرىغا ئاتالىساڭ، يۈرىكىدە ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسىنى ئېلىپ يۈرگەن ھەرقانداق بىر كىشى چارىسىز ئەمەستۇر. ئەگەر پۈتۈن يوللار چەمبەرچاس تاقالغان ھالەتتە سەن ئۆزۈڭنى مەن چارە دەپ كۆكرەك كېرىپ چىقالىساڭ ھەممە توسۇق ۋە ھەممە قۇلۇپلارنى ئاچالايسەن.

 

ئىنسان ھاياتى ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى بەرگەنلىرى بىلەن شۇنداقلا، تۆلىگەن بەدەللىرى بىلەن قىممەتلىك. ئىنسان ھاياتى مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئەمەس روھلىرى بىلەن قىممەتلىك. ئىنسان ھاياتى قۇللۇققا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەمەس بەلكى چۇقانلىرى بىلەن قىممەتلىك. ئىنسان ھاياتى يەنە ھۆرلۈكنى بىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقلىرى  بىلەن قىممەتلىك. ئىنسان ھاياتى ۋەتەنسىزلىك بىلەن ئەمەس بەلكى ۋەتەن بىلەن قىممەتلىك. ئىنسان ھاياتى ئەيش ئىشرەتلىرى بىلەن ئەمەس، ئىپپەتلىرى بىلەن قىممەتلىك. مەندىكى ۋە ئۇلاردىكى بۇ ھاياتلىق قارىشى، مەنى غەرب دۇنياسىغا، ئۇلارنى ئافغانىستان جاڭگاللىقلىرىدا باشلاپ كەلدى. سوئالىمىز بىر، يەنى مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىز بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ ياكى نېمىگە ئېھتىياجلىق دېگەندىن ئىبارەت.

 

مېنىڭ ۋەتەندىن كېتىشىم، ئەسلىدە كېتىش ئەمەس سۈرگۈن ئىدى. سۈرگۈن ماھىيەتتە كېتىش ئەمەس، سۈرگۈن سېنىڭ ئادەم بولۇپ ياشىشىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر نەرسەڭنىڭ قولدىن كېتىشى دېمەكتۇر. سۈرگۈن چۇقان سالالماسلىق، ھەقنى سۆزلىيەلمەسلىك سۈرگۈن ھاياتنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەنىلىك ياشىيالماسلىق، سۈرگۈن كۈچنىڭ قولدىن كېتىشى  دېمەكتۇر.

ئۇيغۇرلار  بىلەن باشقىلار تەرىپلەۋاتقان قۇدرەتلىك خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ  ئەنە شۇنداق ئاجىزلىق بىلەن كۈچلۈكلۈك ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.

 

كۈتۈش ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب بېرىش مەسىلىسىدە، كۈچنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن يەنى بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىم ئىقتىسادى كۈچتىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر كۈچ سەۋر بىلەن زامان بىرلەشكەندە ئەمەلگە ئاشىدۇ دەيدۇ بالزاك. دۇنيادا، سەۋر بىلەن پۇرسەتتىن كۈچلۈك بىر نەرسە يوق. ھەممە نەرسە سەۋر بىلەن پۇرسەت ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ دەيدۇ تولىستوي. چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى كۈچى، كوللېكتىپ كۈچى ۋە ئومۇمى مىللەتنىڭ كۈچىگە باغلىق. ئەمما بەزىدە بۇنىڭ تەتۈرى ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن دېڭىز ساھىلىدا ياتقان يوغان قورام تاش بىلەن ئادەتتىكى مۇشتۇمدەك تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچ سېلىشتۇرما جەھەتتە زور پەرق بار. ئەمما سەن يوغان قورام تاشنى دۈشمىنىڭنىڭ بېشىغا ئاتالمايسەن. بۇ جەھەتتە كىچىك تاش سېنىڭ ئىشىڭغا يارايدۇ. مەسىلەن: قەھرىتان قىش، قېلىن قار، زېمىن نۆلدىن تۆۋەن 40 گرادۇسلۇق بىر سوغۇق بىلەن قارشى-قارشىغا كەلمەكتە. ئىنسانلارغا قارا قىش دەيدىغان بىر كۈچ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئەمما ئىنسانلاردىن 152 مىليون 600 مىڭ كم ئۇزاقلىقتىكى  قۇياش ئاتلىق يەنە بىر كۈچنىڭ كۆك قەھرىدە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ، زېمىندا نە سوغۇق قالار نە قار مۇز قالار. دېمەك دۇنيادا ھېچبىر زامان كۈچلەر مەڭگۈلۈك بولۇپ باقمىدى پەقەت ئاللانىڭ كۈچىدىن باشقا. خىتاينىڭ كۈچىمۇ شۇنداق.

 

كۈچ ھەققىدە سۆز بولغاندا، تارىخىمىزدىن بۈگۈنگە قەدەر، قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ ئىنسانلارنى قانداق قىلىپ ھەق ئادالەت ۋە توغرۇلۇق يولىغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ زالىملار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەمدە بولغانلىقى يادىمىزغا كېلىدۇ.

 

قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇدۇق ئاستىدىن چىقىرىلىپ مىسىرغا ۋالىي قىلىنىشى بىزگە بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

پرەۋىننىڭ ئوردىسىدا، پرەۋىنگە قارشى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدىن ئەينى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمدارى دەپ قارىلىۋاتقان پرەۋىن قوشۇنى قوغلاپ كەلگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قىزىل دېڭىزنىڭ يېرىلغانلىقى ۋە ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالغان يارىنىڭ ساقايتىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر قۇدرەتلىك كۈچ تەرىپىدىن ھاسىل بولغان ۋە تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر.

 

ۋەتەندىكى خەلقىمىز چەتەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئالغا كۈچ جاۋاب بېرەلەيدۇ. يەنى ئۆزىمىز توپلىغان كۈچ ۋە ياراتقۇچى ئاللا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇدرەتلىك كۈچ. خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى قۇدۇق ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ مىسىرغا ۋالىي قىلغان كۈچ.

 

دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئانا تىلى، مىللىي كىملىكى، ئۆرۈپ ئادەت مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى، پاسپورت  ھەتتا ئوي خىياللىرىغىچە تارتىۋېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ئەينى چاغدا قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن  يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقدىرىگە نەقەدەر ئوخشايدۇ –ھە.

 

ھەمدە تارىخچى مورگان ئېيتمىغانمىدى، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈلگەن قاچانىكى بۇ تارىخ ئېچىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ دەپ.

 

شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ، كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىدىغان. تارىم ۋادىسىنىڭ سىرى ئېچىلىپ ئۇيغۇرلار دۇنياغا ۋالىي بولىدىغان.

 

دۇنيا كۈچلۈكلەرنىڭ دۇنياسى.

مەن ئويلايمەن ۋەتەننى تەرك ئەتىپ، غەرب دۇنياسىغا كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ۋەتەن ۋە خەلقىگە بىرەر مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر.

 

كېتىش ھەرگىز كېچىش ئەمەس. كېتىش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشتىن ئىبارەت. ئۇزاقلاردا تۇرۇپ، مەندىن ۋە مەن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر-ئالاقىسىز قېلىۋاتقان ۋەتىنىمگە شۇنداق خىتاب قىلدىم

 

كەتتى دەپ رەنجىپسەن ۋەتەن

كەتكىنىم كەچكىنىم ئەمەس

كەدەم كەتتى بەدەن كەتتى

روھ ۋە يۈرەك سەن بىلەن ھەمنەپەس

 

 

يۈرىمەن ئۆزۈم، ۋاشىنگتون، تورونتو، پارىژ، ئىستانبۇلدا

ھاپاش قىلىپ سېنى ۋەتەن يۈرەك تومۇرلىرىمدا

ھېسلىرىم روھلىرىم پىچىرلىشار سەن بىلەن.

ئاڭلا ۋەتەن كەتكىنىم كەچكىنىم ئەمەس.

 

كەتتى قەدەم، كەتتى تەن، كەتتى بەدەن ئۇزاققا….

 

ۋەتەن روھ، ۋەتەن يۈرەك قالدى تۇپراقتا.

 

توسۇقلار توسالماس ئىككى روھنىڭ پىچىرلىشىشىنى،

 

شۇڭا ۋەتەن تىلەيمەن ساڭا، روھى ئەمىنلىك ئۇزاقتا.

 

ئۇزۇن تار بىر يولدا كېتىۋاتىمەن كۈندۈز كېچە،

 

مەن ئۆزۈمدىن ئۇزاق، مەنزىلىم يۇلتۇزلار قەدەر ئۇزاق.

 

ئەگەر جان ۋەتەن كەتتى دېمەي، كەچتى دېسەڭ،

 

ئۈمىدلىرىم توزۇيدۇ دۇنيا بولۇر ماڭا بىر دوزاخ.

 

Share
1599 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.