logo

trugen jacn

يەنە بىر قازاق پۇقراسى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قازاق پۇقراسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بۇ لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، لاگېردا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قايرات سامارقان ئىسىملىك بۇ كىشى ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندىن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە قايتىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر ناھىيەدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا سولانغان.

ئۇنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئازادلىق رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قامالغان تەربىيەلەش لاگېرىغا 5700 دەك كىشى سولانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 3000 دىن ئارتۇق قازاق، 2000 دەك ئۇيغۇر، 200 دەك تۇڭگان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

قايرەت سامارقان ئازادلىق رادىيوسىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ 3 خىلغا بۆلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر دىنغا ئالاقىدار، ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر چەتئەللەرگە چىققانلار، ئۈچىنچى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغانلار ئىكەن.

قايرەت سامارقان لاگېردىكى سىياسىي تەربىيە ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار بىزگە خىتاينىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، كىشىلەرنى مىللىتىگە قاراپ ئايرىماسلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق ۋە مۇسۇلمان بولماسلىقنى ئۆگەتتى» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ھەر كۈنلۈك تامىقىغا باھاسىغا قاراپ ئۆزى پۇل تۆلەپ ئالىدىكەن. ئۇ، ئىككى بۇردا نان، بىر قاچا «شىپەن» نىڭ 20 يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى بۇ لاگېرلارغا قامىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا مۇۋەققەت ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستون يېقىندا بېيجىڭدا بۇ لاگېرلاردىكى «تۈمەنلىگەن» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

قايرەت سامارقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 15‏-فېۋرال كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىشىگە يول قويۇلغان. لېكىن، قايرەت سامارقان قويۇپ بېرىلگەن دەل شۇ كۈنى قازاقىستان تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى خىتايغا ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە نوتا تاپشۇرغان ئىدى

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-qazaq-04272018175433.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.