logo

trugen jacn

يەنە بىر تۈرك پۇتبول ماھىرى خىتايغا بېرىشنى رەت قىلدى

8393962223uraklmazillitakm

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ماھىرى بۇراق يىلمازنىڭ شاڭخەي شېڭخۇا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرى بۇراق يىلماز خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى بولغان شاڭخەي شېڭخۇا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 10 مىليون ياۋرولۇق تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دىروگبا ۋە دەمباباغا ئوخشاش داڭلىق پۇتبول ماھىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ نامى چىققان خىتايدىكى شاڭخەي شېڭخۇا پۇتبول كۇلۇبى بۇ قېتىم تۈرك پۇتبول ماھىرى بۇراق يىلمازغا كۆز تىكتى.
ئىگىلىنىشىچە، كۇلۇبنىڭ مەسئۇللىرى بۈگۈن بەشىكتاش پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە بۇراق يىلمازنىڭ ماھارىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
يۆتكەش ھەققى ئۈچۈن 10 مىليون ياۋرو تەكلىپ قىلىنغان بۇراق يىلماز بولسا خىتايغا بارغۇسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپادىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن تەكلىپ كەلسە ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى، بىراق خىتايغا بارغۇسى يوقلىقىنى ئېيتقان.
بىراق گالاتاساراي پۇتبول كۇلۇبى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ھەر قايسى كۇلۇبلارنىڭ تەكلىپى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر ، بۇراق يىلمازنىڭ خىتايدىكى نوپۇزلۇق پۇتبول كۇلۇپلىرىدىن بىرى بولغان شاڭخەي شېڭخۇا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى باھالىق تەكلىپىنى رەت قىلىشىغا، بۇ يىل رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ئاشقۇن سىياسەتلەرنىڭ تەسىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ يىل يەنە بىر تۈرك پۇتبول ماھىرىمۇ خىتايدىكى مەلۇم بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى باھالىق تەكلىپىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن رەت قىلغانىدى
http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2015/12/14/%D9%8A%DB%95%D9%86%DB%95-%D8%A8%D9%89%D8%B1-%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D9%BE%DB%87%D8%AA%D8%A8%D9%88%D9%84-%D9%85%D8%A7%DA%BE%D9%89%D8%B1%D9%89-%D8%AE%D9%89%D8%AA%D8%A7%D9%8A%D8%BA%D8%A7-%D8%A8%DB%90%D8%B1%D9%89%D8%B4%D9%86%D9%89-%D8%B1%DB%95%D8%AA-%D9%82%D9%89%D9%84%D8%AF%D9%89-421336
Share
1585 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.