logo

trugen jacn

يەكەن 8-مارت ھۇجۇمىدا قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن مۇخبىرىمىز ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان ۋە خىتاي ئاخباراتى تېخىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان 8‏-مارت ھۇجۇمى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە يەكەننىڭ تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىلەن بىرلىكتە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقە يەكەن ناھىيە ئىچىدىكى كەچلىك بازارنىڭ ئالدى ۋە كونا قوراللىق قىسىم بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە شۇ جايدا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق ساقلاش خادىمى باتۇر مەمەت ۋە ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان 7 نەپەر پىدائىي بولۇپ جەمئىي 11 كىشى ئۆلگەن، 4 كىشى يارىلانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى توغرىلىق، ۋەقەدە ئۆلگەن ئامانلىق خادىمى باتۇر مەمەتنىڭ ئاكىسى تۇرغۇن مەمەت ۋە ساقچى خادىمى راخمان ئوبۇلنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-hujum-03172015150036.html

Share
1410 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.