logo

trugen jacn

يەكەن 8-مارت ھۇجۇمىدا ئامانلىق خادىمى بارات مەمەت خىتاي باشلىققا يان باسقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە خىتاي ساقچى ۋە ئەمەلدارلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولماقتا؛ يەنە بەزى چاغلاردا بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ زەربە بېرىلمەكتە.

8-مارت كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن خىتاي قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق خادىمى بارات مەمەتمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. بارات مەمەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشى پىلانلىقمۇ ياكى تاسادىپىيمۇ؟ بارات مەمەت ۋەقەدە تەرەپسىز ئورۇندا تۇرغانمۇ ياكى خىتاي باشلىققا يان باسقانمۇ دېگەن نۇقتىدا مۇخبىرىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

مەلۇم بولۇشىچە بارات مەمەت بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئامانلىق خادىمى بولۇپ، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆز ۋەزىپە دائىرىسىدىن ھالقىپ، ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان خىتاي قوراللىق قىسىم باشلىقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىدە خىتاي باشلىقنىڭ 9 ياشلىق قىزىنى ئاياپ ئۇنىڭغا چېقىلمىغان پىدائىيلار، بارات مەمەتنى ئاياپ قويمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-hujum-03182015155527.html

Share
1355 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.