logo

trugen jacn

يەكەن ۋەقەسىدە ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن

e0367b5c-b63a-4d6d-a1b8-6356b4f855b9 شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تەرەپ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن يېزا ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ھەتتا ئۇلارغا ئاتاپ ماتەم مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى مۇخبىرىمىز ئىككى ئايغا يېقىن ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئىسيانچىلارنى قورشاۋغا ئالغاندا، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردىنىمۇ قوشۇپ ئوققا تۇتقان. ئەسىر غۇلام توختى نەق مەيداندا قولىغا كاناي ئېلىپ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە «بىز ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى، بىزنى ئاتماڭلار» دەپ مۇراجىئەت قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ مۇراجىئەتكە پەرۋا قىلمىغان ئائىلىسىدىكىلەر جەسەت ۋە كىيىمدىكى ئىزلاردىن ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا 4 پاي ئوق تەگكەنلىكىنى بايقىغان، ئابدۇغېنىنىڭ ئايالى تۇرسۇنگۈل خانىم، يولدىشىنىڭ 50 مېتىر ئارىلىقتىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeken-weqesi-10072014150918.html

Share
1523 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.