ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
قۇتلان
ەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13 - ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى «يەكەن قىرغىنچىلىقى» دا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا كوللېكتىپ سوت ئېچىپ ئۇلارنى ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا ئوسمان ئابلەت قاتارلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. راخمان سادىر قاتارلىق 15 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىنى 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلگەن. ئېلى تۇرسۇن قاتارلىق 9 ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئارزۇگۈل ئامان قاتارلىق 20 ئۇيغۇرغا 4 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق ئېغىر سوتى 10-سېنتەبىر دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەردە ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش خاتىرە كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق سوتنى «كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئېلىپ بېرىلغان شۇنداقلا جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ئوچۇق سوت» دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرى ۋە ھۆكۈمنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرىغا بولغان كۈچلۈك گۇمانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.