logo

trugen jacn

يەكەن تومئۆستەڭدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشى تۈرمە ۋە قاماقتا

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى، يەكەننىڭ تومئۆستەڭ يېزا 7 ‏-كەنتىدە  4 بالىسى تۈرمىگە تاشلانغان خەلچىخان ھوشۇر ئىسىملىك 73 ياشلىق بىر ئايالنىڭمۇ  تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇنغا ئۇنىڭ بىر مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىدىكى ئىسيانكار بايانلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا، گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزى تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، تومئۆستەڭنىڭ 2 ‏-كەنتىنىڭ 140 ئائىلىلىك  4 ‏-مەھەللىسىدە 52 كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلچىخان ھوشۇر تەۋە بولغان 7 ‏-كەنت سېكرىتارى تېلېفونىمىزنى ئالمىغاندىن كېيىن، بىز قوشنا كەنت سېكرىتارلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

2 ‏-كەنت سېكرىتارى، خەلچىخان ھوشۇرنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆز كەنتىدە نۆۋەتتە 35 كىشىنىڭ قانۇنسىز تەبلىغ ئاڭلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقتا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 12 سىگە سوت ھۆكۈمى چىققانلىقى، ھۆكۈمدە بۇلارنىڭ ئالدىغا 10 يىل، كەينىگە 2 يېرىم يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ نۆۋەتتە سوت ھۆكۈمىنى كۈتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، بۇ 35 كىشىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلدى.

سېكرىتارنىڭ يەنە دېيىشىچە، قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغان يۇقىرىقى 35 كىشىدىن باشقا، يەنە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن 4 كىشى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

نۆۋەتتىكى قاماقتىكى بۇ 39 كىشىدىن باشقا ، بۇ مەھەللىدىن يەنە 13 كىشى ئىلگىرىكى يىللاردا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇندا بەزى ئائىلىلەردىن ئاكا-ئۇكىلار، بەزىلىرىدىن ئەر-ئايال تۈرمىگە تاشلانغان، تۇتقۇنلارنىڭ چوڭى 62 ياش، كىچىكى 20 ياش. بۇ ئەھۋال بەزى ئائىلىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىپ تاشلىغان. ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار مەزكۇر ئائىلىنىڭ  ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە،  تومئۆستەڭنىڭ ئىككىنچى كەنت 4 ‏- مەھەللىسى، 652 نوپۇس، 140 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن؛ تومئۆستەڭ يېزىسى  2014 ‏-يىلى 28 ‏-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا،  سېكرىتارنىڭ  بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە تومئۆستەڭدىن قېتىلغانلار يوق دىيەرلىك. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 2013 ‏-يىلى رامىزان ھارپىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئاقسۇ ئايكۆلدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن يۈز بەرگەن ۋە ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازار كەنتىدە ھەر ئۈچ ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن، ئالدىنقى ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ پىيالىما يېزىسىدىنمۇ 1400 نوپۇسلۇق بىر كەنتتە 28 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئەمدىلىكتە، ھېچقانداق بىر ۋەقەگە سەھنە بولمىغان تومئۆستەڭ يېزىسىدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە  53 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا بولۇشى، چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-saqchi-04132017164935.html/yakan-bir-mahalla-53-kishi-04242017192727.html

Share
1372 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.