logo

trugen jacn

يەكەن ئىشقۇل ساقچىخانىسىدا بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى يارىلاندۇردى

9f38b5c6-d011-429c-844a-f0c318a3549e

timthumb

شۆھرەت ھوشۇر

ئالدىنقى كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىرىدە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئىشقۇل ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى تاۋ يۈەنجىڭنىڭ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

ئۆلگەن ساقچىنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان بۇ ئۇچۇردا، ئۆلۈك تاۋ يۈەنجىڭنىڭ 26 ياش ئىكەنلىكى ۋە ئايالىنىڭ ئېغىر بوي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خىتاي ساقچىلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈلگەن. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئاۋۋال ئىشقۇل يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. نۆۋەتچى خادىم، ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى. مۇخبىرىمىز ئارقىدىن ئىشقۇل يېزىسىنىڭ ھەرقايسى بىخەتەرلىك پونكىتلىرىدىكى نۆۋەتچى خادىملارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشتى.

نۆۋەتچى خادىملار ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشقۇل يېزىسىنىڭ قاراقۇم كەنتىدىكى 22 ياشلىق بىر گۇماندار، مۇشۇ ئاينىڭ 21‏-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى چۈشتە ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغان. سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن گۇماندار ساقچىخانىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ساقچى خادىمى تاۋ يۈەنجىڭ بىلەن ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا تاۋ يۈەنجىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەن ۋە دىڭ فېڭ ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. دىڭ فېڭنىڭ ھېلىھەم جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان نۆۋەتچى خادىملار، ۋەقەنىڭ شەنبە كۈنى كەچ سائەت 9 يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يېزا بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنە بىر بالداق كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىمۇ ئامما ۋە ئاخباراتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا، شۇڭا دائىرىلەر نۆۋەتچى خادىملارغا ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، گۇماندارنىڭ ئېنىق كىملىكى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلۇپ، سوراق قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

يەكەننىڭ ئىشقۇل ساقچىخانىسىدا بىر خىتاي ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر خىتاي ساقچىنى يارىلاندۇرغان گۇماندارنىڭ 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ياكى تىرىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/yeken-hujum-06242014161829.html

Share
2086 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.