logo

trugen jacn

يەكەننىڭ بۇگۈنكى قىسقىچە ئەھۋالى

 

رەسىمدىكى بۇبىر جۇپ ئىككى ئۇرۇن

ناھىلىك قامامخانا. يەنى ئوڭ تەرەپتىكى 2000 يىلى سىلىنغان. سۇل تەرەپتىكى2014 .6 ئايدا 30 مىليۇن تەسدىق بىلەن قۇرۇلۇش باشلاپ “ ئىككى قەۋەت بىر قەۋەتى 50 كامىرىن ”شۇ يىلى 12 ئايدا پۇتتۇرگەن. شۇ يىلى يەكەن
ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىغى بىلەن تۇتۇلغان 10. ئايغىچە 2500 ئادەم ، ۋە بۇرۇن تۇتۇلغان 1000 غا يىقىن ئادەم سۇل تەرەپتىكى تۇرما پۈتمەي ئۇڭ تەرەپتىكى تۇرمىغا پىتىشماي قالغاچقا ئۇڭ تەرەپ تۇرما قىيپاچ ئالدىدىكى كۈرۈنگەن 6 قەۋەتلىك ئىككى بىناغا سۇلانغان. بۇ بىنا ئەسلى شۇ ئەتراپتىكى قاراقۇم سانائەت رايۇنى زاۋۇتلىرىنىڭ ياتاق بىناسى ئىدى. ئەتراپىغا يەنەقۇشۇمچە ئىگىز تام سىلىپ تىكەنلىك سىم تارتىپ تۈت ئەتراپىغا كۈزۈتۈش مۇنارى يۇقۇرى بىسىملىق تۇك سىم كامىرا ئۇرناتقان. كىيىن تۇتۇلغان ئادەم 5000 مىڭدىن ئاشقاچقا بۇيەرگىمۇ سىغدۇرالماي ئۇنىڭ قارشىسىدىكى ئاق مەرۋايىت ئۇن زاۋۇتىنىڭ ئىچىدىكى ياتاق بىنالىرىنى بىكارلىتىپ ئىتراپىنى تۇرما ھالىتىگە ئەكىلىپ ئادەم قامىغان. 12. ئايدا پۈتكەن يىڭى تۇرمىغا قۇشۇپ بۇ تۈت ئۇرۇندا 2016. يىلى 8 ئايغىچە ئۇن مىڭغا يىقىن ئادەم قامالغان. بۇ ئۇرۇنلارنى مەن ئۈز كۈزۈم بىلەن كۈرگەن.
. تۇتۇلغان ئادەم سانىنى شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ساقچىلاردىن ئالغان. 2. يەكەندە 29 يىزا 580 ئەتراپىدا كەنىت 17 ئاھالە كامىتىت بار. ھەر يىزىدا بىردىن ساقچىخانا بار.شەھەر ئىچى ئىككى رايۇنغا بۆلۈنگەن.ناھىيە بازىرىدىلا 7 ساقچىخانا بار. جەمى36 ساقچىخانا بار. ئۇندىن باشقا ناھىيە بۇيۇنچە ئىككى ج خ ئدارىسى ”يەكەن  ج خ ئىدارىسى بىلەن بەشكەن تاماق ج خ ئىدارىسى بار.ئۇنىڭغا يانداپ ناھىيە بۇيۇنچە قۇشۇمچە 5 رايۇندا يەكەن ج خ تارماق ئۇتتۇرا ئەترىتى قۇماندانلىق شىتابى بار. ھەر ئەترەتتە جىنىايى ئىشلار، دۈلەت خەۋىپسىزلىگى، ئالاھىدە ساقچى، قاتارلىق ئەترەتلەر بار.بۇ ئەترەتلەر بىر نەچچە گۇرۇپتىن قىلىپ ئايرىلغان. يەنە ئايرىم ناھىيە ئىچىدە تىرۇرغا قارشى تۇرۇش ئۇتتۇرا ئەترىتى 1000 دىن 1500 ئەتراپىدا ساقچى قىسىم بار. يەنە ۋۇجىڭ دەپ ئاتىلىدىغان 3000 مىڭغا يىقىن قۇراللىق ساقچى قىسمى بار. يەنە ناھىيە بازىرىغا ئۇرۇنلاشقان ئىككى دىۋىزىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيە قىسىم بار. بىر دىۋىزىيەدە ئەڭ ئاز بۇلغاندا ئۇن ئىككى مىڭ دىن يىگىرمە مىڭغىچە ئەسكەر بار دەپ ئاڭلىغانتىم ئەسكەردىن قايتقان ئۇيغۇرلاردىن. 2014. يىلى 6 ئايدىن باشلاپ ھەر ساقچىخانىغا ئايدا ئەڭ ئاز بۇلغاندا 50 ئادەم تۇتۇپ قاماقخانىغا تاپشۇرۇش ۋەزىپىسى قۇيغان. بۇ بىر نەچچە ساقچى تۇنۇشۇمنىڭ سۈزلەپ بەرگىنى. 2016 .8 ئايدا ۋەتەندىن ئايرىلغىچە داۋاملاشقان ئىدى. 2014.6 ئايدىن باشلاپ ھەر يىزىغا بىردىن تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىلەش ئۇرنى تەسىس قىلغان. 300 دىن 500 غىچە ئادەم، قىتىم ئايرىم قاماپ تۇرۇپ تەربىلەش 100 دى 200 غىچە ئادەم قىتىم، بۇلاردىن جاھىل دە  ئاتىغانلارنى تۇرمىغا يۇللاش. ھەر كەنىتتە ئايدا 400 دىن 500 غىچە سەھەردە كىلىپ كەچتە قايتىدىغانلار. ئادەم قىتىم. بىر باسقۇچ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە دەپ
ئىلان قىلىنغان. يەنە 2014 7 ئايدا، ساقچىخانا باشلىقى ھەم بۆلۈم باشلىقىدىن يۇقۇرى بۇلغان، ساقچى تەپتىش، سوت، ئەدلىيە، تىرورغا قارشى ساقچى قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك كادىرلارغا ئاچقان بىر قىتىملىق ئىچكى يىغىندا نۇپۇسنىڭ 40 پىرسەنتى قىسمىنى ئىددىيە جەھەتتىن تەربىيلەش، 40 پىرسەنت ئىچىدىن ئاز بۇلغاندا 10 پىرسەنتىنى سۇت ھۆكمى ئارقىلىق جازالاش ھەققىدە سىياسى قانۇن كۇمىتىتىنىڭ شۇجىسى، يۇل يورۇق بەرگەن. يۇقاردىكى ئەھۋاللارنى سۈزلەپ بەرگۈچىلەر. تۇنۇشلىرىم ئارىسىدىكى ساقچى، يىزا كادىرى، ئۇقۇتقۇچى، تەربىلەشتىن پۇل خەجلەپ داۋالىنىشقا سىرتقا چىققانلار.
بۇلارنىڭ ھەممىسى 2016. تۇتىنجى پەسىلگىچە بۇلغان ئىشلار

Share
2345 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.