logo

trugen jacn

يەكەندە 3 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئېلىش پىلانى پۈتۈنلەي خىتايلار بىلەن تولدۇرۇلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى، ئالدىنقى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا يەسلىلىرىگە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، 61 مىڭ 400 «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 10-نومۇرلۇق ھۆججىتى نامىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشىدا ئېنىق قىلىپ، بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى رەسمىي تۈردە چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.

بۇ يىل 15-ئىيۇل كۈنى يەكەن مائارىپ تارماقلىرى ناھىيىدىكى مەكتەپلەرگە جەمئىي 3 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، نوپۇسىنىڭ 95% تىن يۇقىرىسىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان بۇ ناھىيىگە 3 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ، پۈتۈنلەي خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پەقەت خىتايلارنىلا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تاماملانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ نۆۋەت 3 مىڭ نەپەر شتاتلىق ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش ئاشكارا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى، يەتكەن ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئىدارىسى 2017-يىلى 15-ئىيۇل تارقاتقان بولۇپ، قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئالاھىدە قىلىپ «تۇرۇشلۇق ئورنى، جىنسى ئايرىمىسى، مىللىتىگە شەرت قويۇلمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. ئەمما سىياسىي ئىدىيىۋى شەرتى 1-ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، 1-كومپارتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، دىنىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدىغان، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى ئاڭلىق ھالدا دادىل توسىدىغان بولۇشى كېرەك ئىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا بۇنىڭدىن باشقا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا ئىلھام بېرىش، جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئوقۇش تارىخى شەرتلىرىنى مۇۋاپىق كەڭ قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار شتاتىغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شتاتلىق ئاساسىي مائاشى ۋە دۆلەت ۋە يەرلىكتىن بېرىلىدىغان قوشۇمچە ئېتىبار پۇللىرىنى قوشقاندا، ئومۇمىي مائاشى تۆۋىنى 7 مىڭ، يۇقىرىسى9 مىڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدىكەن. شۇنداقلا قوبۇل قىلغان مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى مەلۇم.

بىر ئاي ئىچىدە 3 مىڭ خىتاي قوبۇل قىلىنغان 

بىز يەكەن ناھىيىسىنىڭ تارقاتقان بۇ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ناھىيىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ، ئوتتۇر مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇشتىكى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىم ياڭ بىلەن ئالاقىلەشتۇق، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ، ئادەم سانى توشۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئاي ئاۋۋال تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

-توردىن كۆرگەن ئىدىم، يەكەن ناھىيىسىگە 3 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتتىن ئالىدىكەنسىلەر، شۇنى سوراي دېگەنىدىم.
-ئەمدى ئالمايمىز، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشتى.
-نەدىن ئالدىڭلار، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىنمۇ، شىنجاڭدىنمۇ؟
-ھەممىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىن ئالدۇق.
-يەكەندە 90% تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار تۇرسا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئېلىندى؟
-قوش تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولمامدۇ؟
-ھەممىسى خىتاي تىلى دەرسى ئۆتىدىغانلارمۇ؟
-شۇنداق. خىتايچە دەرس بېرىدۇ، گېپىڭىزنى قىلىڭ نېمە دېمەكچىسىز؟
-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، سورىماقچى بولغىنىم، خىتايچە دەرس بېرىدىغان ئۇيغۇر قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپقۇ، نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىندى؟ بۇ خىتاي مۇئەللىملەرمۇ قوش تىللىقمۇ؟
-خىتاي مۇئەللىملەر ئەلۋەتتە ئۇلارغا قارىغاندا خىتايچىنى ياخشى ئۆتەلەيدۇ‏-دە. مەن خىتايدىن ئوقۇتقۇچى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل، تېخى يەكەنگە قايتمىدىم، باشقىنى بىلمەيمەن، ھازىر ئىشىم بار، سۆزلەشمەيلى بولدى.

تەكلىپ قىلىش سانى كۆپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ 

ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشنى بىر تۇتاش تەشكىللەشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى-2006 يىلى، ئالىي مەكتەپنى كۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» نى يولغا قويۇپ، غەربىي رايوندىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاشنى باشلىغان، 2010-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە يېڭىدىن كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش تەشكىللەپ جەمئىيەتتىن ئاشكارا تەكلىپ قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2016-يىلى، ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدا «نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا 157 مىڭ ئوقۇتقۇچى بار. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى 220 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2010-يىلى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2011-يىلدىن 2015-يىلىغىچە بولغان «قوش تىل»ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش سىياسىتىنى بېكىتكەن، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى دۆلەتنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى قوللاشتىكى بىر تۈرلۈك ئالاھىدە سىياسىتى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە، «يېزىلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يېزىلاردىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 60 مىڭ نەپەر «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلغان.

جەمئىيەتتىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2010-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەكتەپلەرگە بەش يىل جەريانىدا يۆتكەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 22 مىڭ 323 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېيتىلمىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلغىچە، ئاپتونوم رايونىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 72 مىڭ 600 ئى تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 7-ئايدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ج خ ساھەسى ۋە مائارىپ تارماقلىرىغا 30 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. خىتاينىڭ «شىنجاڭ تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلاردىن ھېچقانداق ئىمتىھان ئېلىنمايدىغانلىقىنى، 10 مىڭ سوم ئايلىق مائاش ۋە ئۇي بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلا ئەمەس، ۋىلايەت ۋە شەھەر، ناھىيەلەرنىڭمۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر تۇتاش ئاشكارا تەكلىپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

سىياسەت ۋە پىلاننىڭ ئارقىسىدا 

يېقىندا، ئۆزىنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىسىدە، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان يەكەن دارىلمۇئەللىمى (يەكەن پېداگوگىكا ئوتتۇرا تېخنىكومى)، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ يوق قىلىنىشى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» دەۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە بارا-بارا پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى زور زەربىگە ئۇچراتماقتا ئىكەن. ئەمما، خىتايچە دەرس ئۆتۈش شەرتىگە توشمايدۇ دېگەن باھانە بىلەن قانچىلىك ساندىكى مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بوشۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار قەتئىي مەخپىي تۇتۇلماقتا.

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىپ، يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىل يەكەندە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ 2000-يىلى باشلىغان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى، 2009-يىلدىن كېيىن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تېزلىكتە كېڭەيتكەنلىكىنى، مىللىي مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىش، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەندەك باھانىلەردە قىسقارتىش، يېزىلاردا قوش تىللىق ھەقسىز يەسلىلەر نى كۆپەيتىش يوللىرى ئارقىلىق يەكەن دىيارىنى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە نوپۇس جەھەتتىنمۇ خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/xitaylashturush-08242017131044.html

Share
1558 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.