logo

trugen jacn

يەكەندە كۆرگەنلىرىم _ يەكەن ئىلىشقۇ قەتلىيامىغا ئائىت يىڭى مەلۇماتلار

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

 

(ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر شاھىتنىڭ كۆرگەن- بىلگەنلىرى)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

مەن يەكەنگە قايتىپ بىر كۈندىن كىيىن ئۇيغۇر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قانلىق قىرغىنچىلىق 28.ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى

ھەممىمىز ھىيتنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنئىدۇق .27 .جىسلا كەچتۇيۇقسىز  يىزىدىكى بىر خىزمەتچى تۇققىنىمىزنىڭ ئۇرغان تىلفونى بىزنى ساراسىمگە سىلىپ قويدى. ئۇ بىزگە تىلفوندا «خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىلغىچە ئۆيگە قايتالمايدىغان بولدۇم پەقەت ئۇرۇق تۇقانلار بىلەنلا ھىيتلىشىڭلار يىراقلارغا بارماي بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار « دىگەنلەرنى يەتكۈزگەن ئىدى يەنە ئارتۇقچە كوچىلاپ سورىغىلى بولمايتتى دىمەك ۋەزىيەت كەسكىن ئىدى

ئەتىسى ئەتىگەندىلا دادام ۋە ئاكام ئۈچىمىز بۇرۇنقىدەكلا ھىيت نامىزى ئۈچۈن ئالتۇن مەسچىتكە قاراپ يول ئالدۇق. يولدا شەخسىلەرنىڭ ماشىنلىرى، موتوسىكلىتلار ، ئىغىر قوراللىق بىرونىۋىكلار ۋە بەدبەشىرەچىۋىندەك ئايلىنىپ يۈرگەن ساقچى ماشىنلىرىدىن بۆلەك ئاممىۋى قاتناش كۆرۈنمەيتتى. ئۆيىمىز بىلەن مەسچىتنىڭ ئارلىقى خىلى بار ئىدى. ئامالسىز پىيادە مىڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئىسىمدە قىلىشىچە كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ھىيت ئايەم كۈنلىرى مەخسۇس ئاممىۋى قاتناش ماشىنلىرى قاتناپ جامائەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلاتتى. دەۋر ئايلىنىپ بۈگۈنگە كەلگەندە ھىيت كۈنلىرى ئاپتوبوسنىڭ ئورنىغا  ئىغىر قوراللىق بىرونىۋىك ۋە ساقچى ماشىنىلىرى ئالماشقانئىدى

بارلىق ھىيت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسچتىلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاھالە كومىتىت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بار بولۇپ ئۇلار مەخسۇس مەكتەپ يىشىدىكى بالىلارنى مەسچىتتىن توسۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانئىدى. بەرىبىر كىچىك ئۇكىلىرىمىزنى ئەكىلەيلى دىسەكمۇ ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلىرىدىن بايراق چىقىرىش باھانىسى بىلەن يىغىۋىلىشقانئىدى

ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئەتراپى يول ئۈستىگە توختۇتۇپ قويۇلغان بىرونىۋىكلارنىڭ ئالدىداسەپ سەپ  بولۇپ تىزىلىپ كەتكەن خىتاي قوراللىق ھەربي جاللاتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ ماشىنا ۋە موتوسىكلىتلار ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىشتىن چەكلىنەتتى. شۇڭلاشقا مەسچىتكە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن كەلگەن جامائەت ماشىنلىرىنى مەسچىتتىن ئالتە كۈنلۈك يىراق يەرگە توختۇتۇپ پىيادە مىڭىشىاتتى. بۇ جاللاتلار, سەپ سەپ بولۇپ چاچ ساقاللىرىنى چىرايلىق تارىشىپ بادام دوپپا كانۋاي كۆڭلەكلىرىنى قاتۇرشۇپ كىيىپ كىتىۋاتقانلارنىڭ پۇتىدىن بىشىغىچە بەز مارىغان ئوغۇر مۈشۈكتەك تىكىلىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنىڭ قانچىلىك سۈرلۈك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر باتۇر يەكەن خەلقى ئۇ جاللاتلارنىڭ كۆزىگە بىردىن ئالىيىپ ،مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ مەسچىت تامان چەبدەس قەدەملىرى بىلەن يۈرۈپ كىتەتتى . شۇ ئەسنائەگەر بىرە قانلىق ۋەقە يۈز بەرسە ئۇلار شۇ زامان ھەممىنى ئۇنتۇپ بۇ جاللاتلارغا ئۆزىنى ئۇرىدىغان ئەلپازدا ئىدى، شۇڭلاشقا ختاي جاللاتلىرى ئىغىر تىپلىق ئاپتوماتلارنى تۇتىۋالغىنىغا قارىماي ئالدىغا بىر رەت  قولىغا ياغاچ كالتەك تۇتقۇزۇلغان ئۇيغۇر قۇربانلىق ئەسكەرلىرىنى تىزىپ قويۇپ ئۆزلىرى تۆمۈر رىشاتكىلارنىڭ ئچىگە كىرىۋىلىشقانئىدى

ئىمامنىڭ تەبلىغلىرى ئارسىدا بىر قىسىم جامائەتنىڭ ئىچ ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلىغان يىغا ئاۋازى كىلەتتى. مۇڭلۇق قىرائەت ۋە دۇا سالاملار بىلەن نامازنى تاماملاپ ھەممە يەتتە چىلتەن مازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەسچىتنىڭ پىشايۋان ئاستىدىكى ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىلا سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقنىڭ سەئىدخان باشلىق خان پادىشاھلىرى ۋە داڭلىق ئالىم ئۆلىما جەسۇر سەركەردىلىرنىڭ قەبرىلىرى  قاتۇرۇغلۇقئىدى. گەرچە بۇ قەبرىلەر ئىچىدىكى سەئىدخان ۋە ئابدىرىشتخانلارنىڭ قەبرىسى ئالاھىدە نەقىشلىك گۈمبەزلەرنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما مەسچىتنىڭ دەرۋازا سىرتىدىكى كەڭ مەيداننىڭ كۆزگە تاشلىنىدىغان ئارقا تەرىپىدىكى زامانىۋى ئۇسلۇپتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ قوپۇرۇلغان مەلىكە ئاماننىسىاخىنىمنىڭ مەقبەرىسى بىلەن يوشۇرۇن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلاتتى، ئەقلىمگەكەلگىنىمدىن باشلاپ بۇ ھىلىگەر خىتتايلارنىڭ شۇملۇق ھىلىسىنى بىلىپ يەتكەنئىدىم. بىزگە ئۈلگە ۋە ئابىدە تىكلەشتە ئۇلۇغ سەنئەتكارلالا ئەمەس سەئىدخاندەك سىاسىيون ئابدىرشىتخاندەك ھەربى قوماندان ۋە يەنە نۇرغۇن باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ ئابىدىسىنى بىرلىكتە تىكلىسىە تامامەن بولاتتى

يەتتە چىلتەندىن تارىغاندىن كىيىن ھىيت پەتىسى رەسمى باشلاندى، ئەمما بۇ يىلقى پەتە ھىيت پەتىسى بولماي ئەكسىنچە ماتەم پەتىسىگە ئايلىنىپ قىلىشىنى ھىچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەنئىدى. خەلقنىڭ بۇرۇنقىدەك توپ توپ بولۇپ ھىيتلاشقىنىنى تۈزۈك كۆرگىلى بولمايتتى شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى چوڭ يوللار ھەتتا ۋەلىسپىت ئۆتەلەيدىغان كىچىك يوللارمۇ قامال قىلىنغان بولۇپ شەھەر ئىچىگە كىرىپ چىقىش ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە قىيىنلاشقانئىدى. ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلەرنى ھىيتلاشقان بىرىنجى كۈنى ئىلىشقۇدىكى قەتلىئام قۇلاقتىن قۇلاققا يىتىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئىغىر ۋەھىمە پەيدا بولۇشقا باشلىدى

ئەسلى ۋەقە مۇنداق ئىدى

ئۆتكەن يىل دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە ئىلىشقۇ يىزىسىنىڭ نوچى بازىرىدا(دەل ۋەۋقە يۈز بەرگەن جاي) مەلۇم بىر خىتاي چوڭ تىپلىق شىغىل ماشىنسىدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئىغىر ئاياغ مەزلۇمە ۋە ئۈچ بالىسىنى قوشۇپ بىسىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ،بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نوچىلىقلار ئاچچىققا چىدىماي ھىلىقى شوپۇر خىتاينى تۇتۇپ باغلاپ قويىدۇ ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيەدىن باشلىقلار ۋە بىر قىسىم دىنى زاتلار چىقىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ بۇ خىتتاينى قويۇپ بەرسە ئۇلارنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمايدىغانغا ۋە خىتاينى قانۇن بويۇنچە جازلاپ بىرىدىغانغا ۋەدە بىرىپ خىتتاينى قايتۇرۇپ كىتىدۇ. ئەمما بىر نەچچە كۈن ئۆتە ئۆتمەي ناھىيدىن قۇراللىق ساقچىلار چىقىپ شۇ قىتىملىق تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان بارلىق دىھقانلرنى چالا قويماي تۇتۇپ ئەكىتىدۇ ۋە تىتىقسىز بەتناملار بىلەن ھەممىسىنى تۈرمىگە سولايدۇ. بۇ ئازكەلگەندەك مۇشۇ ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئىلىشقۇ يىزىسىدا دىھقانلارنى يىغىپ ئوچۇق سوت ئىچىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازىسى بىرىدۇ

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىۋاستە تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىچە

رامىزان كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان جامائەت ئەتراپتىكى يىزا كەنتلەردىن كىلىپ نوچا بازىرىدىكى مەلۇم بىرسىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنچە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ئۇلارنىڭ ساىنى كۆپ بولۇپ يىغىلغان ئۆيگە پاتماي قالىدۇ دەيدۇ. بىر ئاي دىگۈدەك ئۇلار ئىبادەت ۋە تەبلىغ ئىلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ۇنداق چوڭ ئىش قىلىش پىلانى بولمىغان دىگۈچىلەرمۇ بار. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ قىز ئاياللىرى توپلۇشۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان يەرگە يىزانىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىمىلىرى ۋە يىزىنىڭ ئايال كادىرى باستۇرۇپ كىىرىپ ئاياللارنى تۇتۇپ ماڭىدۇ،.بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان جامائەتلەر تىزدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ چىرايلىق پاراڭلىشىدۇ ئەمما ئۇلار جاھىللىق بىلەن ئاياللارنى ئىلىپ ماڭغاندىن كىيىن جامائەت توپلۇشۇپ ئاياللارنى ئاپىرىپ سولىغان يىزىلىق ساقچىخانا ۋە يىزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ . شۇنۇڭ بىلەنبىر ۋاقىتتا ھىلىقى ئايال كادىرنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا يەنە جامائەت يول توسۇپ شىغىل توشۇش ماشىنلىرىدىن 2-3 نىڭ شىغىلىنى يولغا قۇيۇپ يولنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ ئۈمچىدىن يەكەن خوتەن تەرەپلەرگە ۋە خوتەنلەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان يۈك ماشىنلىرى كىچىك ماشىنىلار يولۇچىلار ئاپتوبوسى قاتارلىق بارلىق قاتناش ۋستىلىرنى توختۇتۇپ ماشىنا ختتاينىڭ بولسا ختتايلارنى ئۆلتۈرۈپ ماشىنىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئۇيغۇرنىڭ بولسا ئاۋۋال ئۇلاردىن «بىزنىڭ سىپىمىزگە قىتىالمسەن يوق دەپ سورىغان ،ھە دىگۈچىلەرگە كالتەك ياكى پىچاق دىگەندەك نەرسىلەرنى بەرگەن ياق دىگۈچىلەرنى جنىڭنى ساقلا دەپ قوغلىۋەتكەن «(يىزىلىق ساقىچىخانا ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتكە ۋەقە يۈز بەرگەندىلا ھۇجۇم قىلغانمۇ ياكى يول توسۇپ ماشىنىلارنى توختاتقاندىن كىيىن قىلغانمۇ ئىنىق ئەمەس)

بەزىلەرنىڭ دىيىشچە ھەربىيەلەر ئەتىسى ئەتىگەنگە سائەت 06  گە قەدەر چىقمىغان. ياش باللا كوچىمۇ كوچا مەھەللىمۇ مەھەللە قاتراپ «بىزگە جىھاد پەرز بولدى جىھادقا چىقىڭلا دەپ تەكبىر تولاپ ماڭغان« ئاياللامۇ قوللىرىغا يەرلىك قوراللادىن ئىلىپ ۋەقەگە قاتناشقان

بەزىلەرنىڭ دىيشىچە شۇ كىچىدىلا چىقىپ قىرغىن قىلغان. شۇ جەرياندا دۆڭباغيىزىسنىڭ يىزا باشلىقى غۇلام شاڭجاڭغا دەرھال يىزىغا چىقىش بۇيرۇقى كەلگەن . ئۇ ۋە يەنە بىر شۇجى بىلەن بىللە يىزىغا چىققان سائەت 02 لەردە چىققان ۋە ئۇلارغا تەربىيە ئىشلىگەن، ئەتىگىنى ھەربىيلەر چىققاندا غۇلام شاڭجاڭ تىخىمۇ ھاياجانلىنىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۇلارغا تەربىيە ئىشلىگەن ئەمما يۇقۇردىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان جاللاتلار «ئات«دىگەن بۇيرۇقنى تاپشۇرۋىلىش بىلەن بىللە ھىچكىمگە قارىماستىن قولىدا تۆمۈر توقماقتىن باشقا قۇرال يوق جامائەتنى غۇلام شۇجى بىلەن قىتىپ قانلىق قىرغىن قىلغان .(بۇ خەۋەرنى ئۆزىنىڭ ئىشچى خىزمەتلىچىرىگە قوزغىلاڭچى جامائەت غۇلام شاڭجاڭنى گۆرۆگە ئىلىۋىلىپ پىچاق بىلەن بوغۇزلىۋەتتى دەپ تارقاتقان) (غۇلام شاڭجاڭنىڭ سىڭلىسى شاڭجاڭنىڭ جەستىنى كۆرگەندە بەدىنىدە ئوق ئىزنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ ۋە بىر ئاماللار بىلەن ئوق تىشىۋەكتەن قان يۇقى كۆڭلەكنى تاشلىۋىتىلگەن يەردىن تىپىپ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ.)  (ھەتتا غۇلام شاڭجاڭنىڭ مىيىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئىمامدىن بىرنى تىپىپ كىلىپ ئۇنىڭغا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ھىچكىمگە تىنماسلىقا ۋەدىلەر ئالىدۇ)  ئەتىسىدن باشلاپ يەكەن ئاسمىنىدا ھەربى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇشقا باشلايدۇ

مىش مىش خەۋەرلەردىن

كىچىسى ھەربىيلەر بىلەن ھەربىيلەر ئۆزئارا بىربىرىگە ئوق چىقىرشىپتۇ خىلى جىق ئەسكەرلە ئۆلۈپتۇ.  جەمئى يۈزدىن ئارتۇق ماشىنىلار تالاپەتكە ئۇچراپتۇ نۇرغۇن ماشىنىلار كۆيۈپ قۇرۇق جازىسى قاپتۇ، نوچى بازىرىنى مەركەز قىلىپ 3 كەنتتىكى دىھقانلارنى قىرىۋىتىپتۇ.ئىغىلدىكى قوي كالىلارنى باققىلى ئادەم بولمىغاچ يىزىنى قوي كالىلارنىڭ مەرىشى ۋە مۆرەشلىرى بىر ئاپتۇ، كەنتتە ئادەم دىدارى قالماپتۇ، قىرى ياش، بوۋاق-موماي دىمەي ھەممىنى قىرىپ تاشلاپتۇ

ئۆلگنلەر بەك كۆپ بولغاچقا ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى ختتايلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەرلەنىڭ خەتنىلىكىگە قاراپ ئايرىپتۇ

ختايلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا ساقلاپ ختايلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ئەمما ختايلار ھەربىر ئۆلۈك ئۈچۈن 5 مىليون پۇل تەلەپ قىپتۇ.ئەمما ئۇيغۇرلانىڭ جەستىنى بولسا ماشىنىلارغا بىسىپ يا ئىزىغا ياكى جاڭگاللارغا ئاپىرىپ كۆمۈۋىتىپتۇ ياكى كۆيدۈرۋىتىپتۇ،.،.

ختتايلار بىلەن جەڭ قىلغان مۇجاھىتلار خىتتايلارنىڭ قۇراللىرنى تارتىۋىلىپ ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىر قىسملىرى جىنىنى ساقلاش ئۈچۈن جاڭگالغا قىچىتپۇ (قۇملۇق) . بەزىلىرى ئىتىزلىقلارغا يوشۇرنغاچقا دىھقانلارنى مەجبۇرى ئىتىزلىردىكى زىرائەتلەرنى ئورغۇزىۋىتىپتۇ ،.،.

بۇ قىتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقان جامائەتنىڭ ئىچىدە قاغىلىق ،پوسكام مەكتىلەردىن قاتناشقان ئادەملەرمۇ باكەن، قوراللىق …مۇجاھىتلارمۇ كەپتۇمىش

 

(راست گەپلەر)

كۈندۈزى قوشنا كەنتتىكى دىھقانلارنىڭ ھىچقايسىنى ئۆيدىن تالاغا چىقارغۇزمىغان. بىردىن ساقچى قوراللىق ھالدا ئىشك باققان

ئىلىشقۇ ،دۆڭباش، قوشئىرىق قاتارلىق يىزىلارنىڭ يوللىرى قامال قىلىنغان. ھىيت كۈنى ئىلىشقۇ جامەدە ھىيت نامىزى ئوقۇلمىغان

ھىيتنڭ 2.كۈنىدىن باشلاپ توختىماي ئادەم تۇتقان ھەتتا ئىلىشقۇ يىزا چىلانغۇي كەنتىنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى (شودۇيجاڭ) كالتەك تۇتۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يىرىدىن قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كىتىلگەن ئەمما بۇنۇڭغا كەنت سىكىتارلىرى ياكى شاڭجاڭلار ئارلىشلاميدىىغننى بىلدۈرۈپ كارى بولمىغان ھازىرغىچە ئىز دىرىكى يوق(نىمە سەۋەپ بىلەن قايسى تۇرمىغا قامىغانلىقى نامەلۇم) بۇنۇڭغا ئوخشاش تۇتقۇن قىلىشلا كەڭرى قانات يايغان

ھەربى ساقچىلار يىتىشمىگەچكە يەكەن شەھەر ئىچىدە ئاساسەن قوراللىق ھەربىلەر تۇرمىغان ،.پەقەتلا يەكەننىڭ تۆت ئەتراپىنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىپ قوراللىق كىرىپ چىقىشنى قاتتىق كونترول قىلغان. ھىلىقى ئۈچ يىزىنىڭ ئادەملىرىنى يىزىدىن سىرتقا چىقارغۇزمىغان. ۋەقە يۈز بىرىپ بىرە ھەپتىلە ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئۈچ يىزىدىكى دىھقانلار بىرە يەرگە بارماقچى بولسا يىزىلىق پەيچۇسونىڭ رۇخسىتى بىلەن بارىدىغان بولغان . ئاساسەن رۇخسەت بەرمىگەن. ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن قەشقەر خوتەن ئاقسۇلۇقلار بىجىرىشى تەلەپ قىلىنغان يىشىل كارتا يەكەنلىكلەرگە كارتا بىجىرىش توختاتقان (خەلقنىڭ كاللىسىدا كارتا بولمىسا ھىچ يەرگە بارغىلى بولمايدىكەن دىگەن قورقۇنچ كىرىۋالغانىدى،.ھەم پەيچۇسولاردىمۇ خەلققە كارتا بىجىرىش ئىشلىرى قولايسىزلاشتۇرۇپ يەرلىكلەرنىڭ سەپەر قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانئىدى. )

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن شەھەر ئىچىدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدىى ياكى بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلىمدى دىگەن باھانە بىلەن بىرنەچچە ياش يولدىلا ئىتىپ تاشلانغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر تارقالدى، يەنە تىخى كوناشەدە بىر ياغلىقنى ئالدىدىن چىگىپ ماڭغان ئايالنى ساقچىلار ئۇرۇپ دۇمباللاپ ماشىنىغا بىسىپ ماڭدى دىگەن خەۋەرلەر تارالدى

بىر ھەپتىدىن كىين ناھىيەلىك تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئاھالە كومىتىتىلىرىغا كىلىپ ھەربىر تەۋەلىكتىكى بارلىق ئاھالىلەرنى يىغىپ ۋەقە ھەققىدە دوكىلات بەرگەن، جاسارەت مۇھەممەت(ناھىيلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى ئايال)  دوكىلات بىرىپ مۇنداق دىگەن؛ « بۇ قىتىمقى ۋەقەنىڭ كۆلىمى 2009-يىلىدىكى ۋەقەدىنمۇ چوڭ بولدى زىيان بەك كۆپ ، تىرورچىلار ھىيت كۈنى ئۆزىنىڭ قىنىغا ئۆزى دەسسەپ ھىيت نامىزىغا بىرىشتى خوپ بولدى تازا .ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى (شۇ شىنخۇادا نىمە بولغان بولسا شۇ) ئاز كۈندىن كىين يىزىدىكى ئىشلارنى تۈگۈتۈپ شەھەر ئىچىدە ئومىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىلىپ بارىمىز ،.،.،.بۈگۈن يىغىنغا كەلمىگەنلەرمۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ

يول بويىدا كۆيدۈرۈلگەن ماشىنىلارنى چوڭ يۈك ماشىنىلىرىغا بىسىپ شەھەرنىڭ ئۇ يەر بۇيەرلىرىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرىغا ئاپىرىپ قويغان. بىر قىسىم نەق مەيداننى كىيىنكى كۈنلەردە كۆرگەنلەرنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە يول ئۈستىدە كۆيدۈرۋىتىلگەن ماشىنلارنىڭ قالدۇق جازىلىرى تاشلپ قويۇلغان.يوللاردىكى شىغىللار تازلىۋىتىلگەن.  يەكەندىن ئۈرۈمچىگە بىرىش توغرا كەلسە ئۈچ يىزىدىكىلەر ئاساسەن بارالمىغان ئۈرۈمچىگە بىرىپ بولغىچە يوللاردا قايتا قايتا ماشىندىن چۈشۈرگۈزۈلۈپ تەكشۈرۈلگەن

كىيىنكى كۈنلەردە يەنە شەھەر ئىچىدە ختتايلارنىڭ يەر تۈزلەش كولاش ماشىنلىرىدن بىر قانچىسىنىڭ كۆيدۈرلگەنلىكى توغۇرلۇق خەۋەرلەر تارقالدى

بۇنۇڭدى سىرت قىتىپ قويدىغىنىم

خوتەندە بايلارنى ئاساسەن تۇتۇپ سولاپ يوقۇتۇپ بولدى ، بۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى بەزىلىرىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە پارتلاتقۇچ سىلىپ قويۇپ يوللاردىكى چازىغا كەلگەندە ماشىناڭدىن بومبا چىقتى دەپ شۇ يەردىلا تۇتۇپ مال مۈلكىنى مۇسادىر قىلغان

يەرلىكتىكى موللا ئۆلىما دىندار ئالىملارنى ئۇ بۇ سەۋەپلەر بىلەن تۇتۇپ زىندانلارغا تاشلىغان، ھەتتا خوتەندە خەلق مەيدانلىرىدا دارغا ئاسقانلىق قارشى چىققانلارنى نەق مەيداندا قرىۋەتكەنلىك توغۇرلۇق خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرۈيدۇ.  ھىجاپلىق قزى ئاياللارنى  تۇتۇپ كىتىپ تۇرمىدە نومۇسىغا تەككەنلىكتەك رەزىل پەسكەشلىكللەرمۇ بار. ياش باللار بىلەن زىندانلار توشۇپ بولدى،.،.يەكەندە شۇنداقلا جاي جايلادا يىڭىدىن زىندان تۈرمىلەرنى سىلىۋاتىدۇ

Share
3194 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.