logo

trugen jacn

يەكەندىكى 8-مارت ۋەقەسىدىن بۇرۇن بەشكەنت ۋە كەچلىك بازاردا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، شۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان پىدائىيلارنىڭ يېزىسى-بەشكەنت بازىرىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، 6-مارت كۈنى يۈز بەرگەن ئۇ ۋەقەدىمۇ خىتاي تەرەپتىن ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يەنە تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقىغا يان باسقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئامانلىق خادىمى بارات مەمەتنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاكىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 8-مارت ۋەقەسىدىن 3 ئاي بۇرۇن يەنى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن كەچلىك بازاردا يەنە بىر چوڭ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت بىلەن كەچلىك بازارغا يېتىپ كەلگەن بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار بازاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن؛ ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ھەتتا مۇقىملىق خادىملىرىغىمۇ بىلدۈرمەستىن جىمجىت ھالدا بېسىقتۇرۇۋەتكەن.

بىز 8-مارت كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن يەنە بىر ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق. مەلۇم بولۇشىچە، 8-مارت ۋەقەسىدىن 2 كۈن بۇرۇن يەنى 6-مارت كۈنى بەشكەنت بازىرىدىمۇ ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي تەرەپتىن ئىككى كىشى ئۆلگەن.

بىز 8-مارت ۋەقەسىدە قوراللىق قىسىم باشلىقىغا يان باسقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئامانلىق خادىمى بارات مەمەتنىڭ ئاكىسىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەدىن 3 ئاي بۇرۇن، شۇ تەۋەلىكتە يەنى كەچلىك بازاردا يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.

8-مارت كۈنى يەكەن بازىرىدا يۈز بەرگەن تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان پىدائىيلارنىڭ يەكەننىڭ بەشكەنت بازىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما بەشكەنتتە يۈز بەرگەن 6-مارت ۋەقەسىنىڭ بۇ پىدائىيلار بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 28-نويابىر يەكەن كەچلىك بازاردا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ كىچىك بىر ۋەقە ئەمەسلىكى مەلۇم، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-qarshiliq-03242015152851.html

Share
1397 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.