logo

trugen jacn

يەكەندىكى كاچوڭ ساقچىخانىسىنىڭ ئامانلىق خادىمى: مەن دۆت، كاللام ئىشلىمەيدۇ

8254d907-5e75-4be7-abfb-7b95b234eeb3

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچوڭ ساقچىخانىسى ئۆز تەۋەسىگە چاپلانغان 127 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «قارا تىزىملىكى» ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن باش تارتتى.

ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىمى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قاتتىق ھودۇقۇپ: «مەن دۆت، كاللام ئىشلىمەيدۇ، ھېچنېمە بىلمەيمەن!» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەكەن ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان بىر «قارا تىزىملىك» ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولۇشى بىلەن، جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

ئىگىلىشىمزچە، «يەكەن ناھىيەسىدە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق – تەررورلۇققا چېتىلىپ قېچىپ يۈرىۋاتقانلار تىزىملىكى» دەپ نام قويۇلغان بىر «قارا تىزىملىك» يەكەننىڭ كاچوڭ يېزىسى تەۋەسىگە چاپلانغان.

مەزكۇر «قارا تىزىملىك» نى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي دوكتورى لى شو يەكەننىڭ كاچوڭ يېزىسىدىن رەسىمگە تارتىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان «2015 – يىلىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» ناملىق يازمىسىدا مەزكۇر قارا تىزىملىكنى بىرىنچى قېتىم ئاشكارا قىلغان.

مەزكۇر قارا تىزىملىككە 127 ئۇيغۇرنىڭ باش سۈرىتى، ئىسىم – فامىلىسى ۋە كىملىك نومۇرى چاپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 13 نەپىرى ئايال. بۇ قارا تىزىملىك يەكەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسىي كەنتلەرگە چاپلانغان ھەمدە كەنت سېكرىتارلىرىنىڭ ئادەم تەشكىللەپ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئاختۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنداقتا، مەزكۇر «قارا تىزىملىك» تىكى كىشىلەر زادى كىم؟ ئۇلار قانداق تىپتىكى «تېررورلۇق» ياكى «زوراۋانلىق» ھەرىكەتلىرىگە چېتىلغان؟ شۇنچە قاتتىق تور سېلىنغان يەكەندە ئۇلار نېمە ئۈچۈن 3 يىلدىن بۇيان تۇتۇلمىدى؟

بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر تىزىملىكتە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن «ئەھۋال مەلۇم قىلىش» تېلېفونىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون يەكەن ناھىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى كاچوڭ يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسىغا ئۇلاندى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نۆۋەتچى ساقچى تېلېفوننىڭ «مۇخبىر» لاردىن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ قاتتىق ھودۇقتى ھەمدە كاچوڭ يېزا تەۋەسىدە بۇنداق «قارا تىزىملىك» نىڭ چاپلانغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

بىز مەزكۇر «تىزىملىك» نىڭ قولىمىزدا بارلىقىنى، ئۇنىڭدىكى ئادرېس ۋە تېلېفون نومۇرى بويىچە ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىمىزنى ئېيتقىنىمزدا، ئۇ: «مەن بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز، ھېچنېمە بىلمەيمەن! ئەھۋالنى ساقچىخانا باشلىقىمىز بىلىدۇ» دەپ تۇرۇۋالدى.

بىز ئۇنىڭدىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سوئال سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئامانلىق خادىمى (باۋئەن) ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە پەقەتلا ساقچىخانا باشلىقى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالدى.

ئۇ ھەتتا: «مەن ئادەتتىكى بىر باۋئەن (ئامانلىق خادىمى)، ھېچنېمە ئۇقمايمەن، كاللام ئىشلىمەيدۇ. بۇنداق ئۇششاق تەپسىلاتلارنى مەندىن سورىماڭ، گەپ قىلساملا بالاغا قالىمەن!» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن كاچوڭ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئەزىزجان توختىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ تېخىمۇ ھودۇقۇپ: «باشلىقنىڭ نومۇرىنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن، ئۇنى پەقەتلا يوقىرى دەرىجىلىكلەر سورىيالايدۇ. ئاشۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئاستىدا باشلىقنىڭ نومۇرى بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ نومۇرىنى شۇ يەردىن ئىزدەڭ، مەن دەپ بەرسەم، باشلىقىم تاناۋىمنى تارتىدۇ…» دېگىنىچە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئوخشىمىغان ۋاقىتتا كاچوڭ ساقچىخانىسىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 3 قېتىم تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى گەرچە ئوخشىمىغان خادىملار، يەنى كۈزەتچى، ياردەمچى ساقچى ۋە باشقا سالاھىيەتتىكى ساقچىخانا خادىملىرى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

بىز ئاخىرىدا كاچوڭ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئەزىزجان توختىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن «مەن ساقچىخانا باشلىقى ئەمەس، خاتا ئۇرۇپسىز!» دەپ يالغان سۆزلىدى ھەمدە سۆزلىشىشنى رەت قىلدى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى 7 – ئاينىڭ ئاخىرى يەكەندە زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئېنىق سانىنى يوشۇرۇشى تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەت تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدى.

كاچوڭ ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خادىملارنىڭ ئۆز تەۋەسىگە چاپلانغان مەزكۇر «قارا تىزىملىك» ھەققىدە ھەتتا ئېغىز ئېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماسلىقى يەكەندىكى ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qara-tizimlik-06232015195829.html

Share
1436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.