logo

trugen jacn

يەرلىك كادىرلار: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشتە ھۆججەت بار

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرېتارى ۋە بىر نەپەر ساقچى خادىمى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بارىن يېزا 1- كەنتتىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 5 ئوقۇغۇچىدىن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىككىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن5 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇلار يەنە «فەن خۇيليۇ» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خىزمەت ھەققىدە ئاپتونوم رايوندىن چۈشكەن مەخسۇس ھۆججەت بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

سوئال: سىلەرنىڭ كەنتتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان قانچە ئوقۇغۇچى بار؟

جاۋاب: (1 ‏-كەنت ساقچىسى) بەش ئوقۇغۇچى بار، ئىككىسى خەنزۇ، 3ئى مىللىي.

سوئال: قانچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدىڭلار؟

جاۋاب: ئىككىنى(ئۇيغۇرنى) قايتۇرۇپ ئەكەلدۇق، بۇلاردىن بىرى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان، يەنە بىرى ئامېرىكىدا.

سوئال: بۇ ھەقتە چۈشۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇش قەيەرنىڭ ئۇقتۇرۇشى؟

جاۋاب: قەيەرنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى، يېزىنىڭ ئەمەس.

2 سوئال: سىلەرنىڭ كەنتتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 5 ئوقۇغۇچى باركەن شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: (1‏-كەنت سېكرېتارى) ياق ئۈچ. بۇلاردىن بىرى ئامېرىكىدا كومپيۇتېر ئوقۇۋاتقان، ئۇ، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتتى. تۈركىيەدىن كەلگەن بىرى تېخى بار، تۈركىيەدىن قايتىپ كەلمىگەن يەنە بىر قىز بار، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز.

سوئال: ئائىلىسىگە نېمە دەپ خىزمەت ئىشلەۋاتىسىلەر؟

جاۋاب: ئىككى ھەپتە ئىچىدە قايتىپ كەلسۇن، بولمىسا ھەممىمىزگە ئاۋارىچىلىك بار دەۋاتىمىز.

3 سوئال: سىلەرنىڭ كەنتتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان قانچە ئوقۇغۇچى بار؟

جاۋاب: (2‏-كەنت سېكرېتارى) بىزدە ئىككىسى بار. بىرى فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان، يەنە بىرى ئاۋسترالىيەدە، ھەر ئىككىسى تېخى قايتىپ كەلمىدى. 5 ‏-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قايتىپ كېلىشنى ئائىلىسىدىكىلىرىگە تاپىلىدۇق.

سوئال: بۇ ھەقتە قولۇڭلاردا ھۆججەت بارمۇ؟

جاۋاب: ساقچىلاردا بار، ئائىلىنى زىيارەت قىلغاندا بىر ساقچى، بىر دۆلەت كادىرى ۋە مەن ئۈچىمىز بارىمىز. سوئال: ئۇ ھۆججەت قەيەرنىڭ ھۆججىتى؟

جاۋاب: ئاپتونوم رايوننىڭ.

ئاخىرقى كەنت سېكرېتارىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا چەتئەلگە چىقالاش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن ئاز. ئەمما دەسلەپكى كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر سىياسىي ئىدىيىسىدە ئاتالمىش مەسىلىسى يوقلۇقى ئايدىڭلاشقان تەقدىردە، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت.

بايانلاردا تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردىن بىرىدە ئاشكارىلانغىنى، يەنى ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن ۋە تەكشۈرۈشتىن كېيىن قۇيۇۋېتىلگەن، پەقەت خىتاي دۆلىتى بىر تۇتاش چەتئەلگە چىقارغان ۋە قايتىپ كېلىش بۇيرۇقىغا دەرھال ئاۋاز قوشقان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

ئەمما قايتىپ بارغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ شەخسىي خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ياكى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە يەنىلا بىر سىر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/chetel-oqughuchi-qaytish-04282017164743.html

Share
1596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.