logo

trugen jacn

يەركەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى 3 كەنتتە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

image

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0801-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەكەن ناھىيسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا 28 – ئىيۇل كۈنى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىسياننى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا كۆپ ساندا كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار 5 كۈندىن بېرى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا تارقىلىق يۈرمەكتە. تۈنۈگۈن رادىئومىزغا كەلگەن بىر نامسىز خەتتە بايان قىلىنىشىچە، ئېلىشقۇنىڭ 14 – ، 15 – ۋە 16 – كەنتلىرىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قىرىۋېتىلگەن. تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللانغان بىر نامسىز مۇراجىئەتنامىدىمۇ، مەزكۇر 3 كەنتتە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورالغان.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئاھالىلەردىن بىرى، ئېلىشقۇدا 5 كۈندىن بېرى ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىماي قاتناپ تۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن 3 – كەنتتىكى كىشىلەردىن 28 – ۋە 29 – ئىيۇل كۈنلىرى مەزكۇر كەنتلەردە كوچىغا چىققان كىشىلەرنىڭ قارا – قويۇق ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى. يېزىدىكى ئاھالىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تېلېفوندا باغلىنىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىمۇ، ئېلىشقۇدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئىسپاتلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yerken–08012014213753.html

Share
1736 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.