logo

trugen jacn

يەرشارى ۋاقتى گىزىتىنىڭ بىشەملىگى;ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۆلگۈنچى

indir

  خىتاي كومىنىستىك پارتىيسىنىڭ ئورگان گىزىتى بولغان “يەرشارى ۋاقتى گىزىتى” بۇگۈن (4.ئىيۇل) “ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شەرقى تۈركىستانچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خەنزۇلارغا ئۆچمەنلىك ئىدىيىسىگە قۇتۇراتقۇلۇق قىلماقتا” سەرلەۋىلىك بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلدى

    ماقالىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان ۋە رادىيونىڭ بىر مۇخبىرى ھەققىدە پەقەتلا خىتاي كومىنىست پارتىيەسىلا ئادەتلەنگەن نۇمۇسسىزلارچە بوھتانلاردا بولۇنغان

ماقالىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەنزۇچە بۆلۈمى،ئامىرىكا ئاۋازى،ب.ب.س خەنزۇچە،ئۆزبەكچە بۆلۈمى ئۈستىدىمۇ “ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىككە،خەنزۇلارغا ئۆچمەنلىككە قۇتۇرىتىش خاراكتىرىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلارنى ئاڭلاتقان”دىگەن بەدنام بىلەن كەڭ داىرىدە شىكايەتلىرىنى داۋام قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا پىرانسىيە ئاۋازى،گىرمانىيە ئاۋازى رادىيولىرىنىڭ خەنزۇچە ئاڭلىتىش بۆلۈملىرىنىمۇ “ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشقان”لىقى ئۈچۈن ئەيىپلىگەن

     خىتاي داىرلىرى،ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقىسىنى تامامەن ئۇجۇقتۇرۇپ بولغانلىقىغا ئىشەنگەندىن كىيىن،ئەندى چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا خەۋەرلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان غەرىپ مەدياسىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغان

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارىلىغۇچى ئاۋازىدىن شۇنچىلىك قورقۇدىكى،بىزنىڭ   ئۇيغۇرنەت.ئورگ     http://www.uyghurnet.org/      تورىمىزنى بۇ ھەپتە ئىچىدە 2 قىتىم چۆكەرتىۋەتتى.قايتا تۈزىدۇق.شۇاندىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۇچىراۋاتىدۇ.شۇنچىۋالا كۆپ ئەسكەر،ساقچى،قۇرال،تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا ئىگە بولغان خىتاي دۆلەتى نىمىشكە بۇنچىلا قورقۇنچاق؟ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال تەمسىل بار: ئوغرىنىڭ يۈرىگى پوك-پوك

    ئەندى خىتاينىڭ تۆھمەت،پوپوزىسىغا جاۋاپ بىرىش نۆۋىتى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسمى يەرشارى گىزىتى تەرىپىدىن تىلغا ئىلىنغان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى

بىز ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا ئۇيغۇرچە رادىيوسىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتىنىڭ ئازلىقىدىن،خەۋەر توپلاش ئىشىدا ۋەتەن ئىچىدىكى خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ شۇنچىلىك كۆپ بولۇشىغا قارىماي،بىر-ئىككى مۇخبىردىن باشقا مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەندىن خەۋەر ئەلىشقا قىززىقماي كەلگەنلىكىدىن شىكايەتچى ئىدۇق.ئاز ۋاقىتنى چەتئەللەردىكى ئۇزۇن ۋە ئەھىمىيەتسىز خەۋەرلەر بىلەن ئىسراپ قىلىپ،ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدە ھەر كۈنى كۈچىيىپ بەرىۋاتقان دۆلەت تىرورىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا جىددى ئىزدىشتە بولۇنمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەتچى ئىدۇق.شۇڭا ئۇيغۇرلاردىن خەلى كۆپ قىسىمدىكى جامائەت ئامەرىكا ئاۋازى، ب.ب.س قاتارلىق رادىيولارنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈم ئەچىشى توغرىسىدا ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئەلىپ بەرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا،خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن بۇنچىۋالا ئەنسىزلىك ئىچىدە شىكايەت قىلىشى بىز ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرمەي قالمىدى

      خىتاي ھۈكۈمىتى ،ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپانى ئىختىسادى مەنپەتكە ئىرىشتۈرۈش ۋەدىسى ئارقىلىق دىپلوماتىك بەسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئاۋازىنىمۇ ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن.دەل مۇشۇنداق پەيتتە بىز ئۇيغۇرلار،ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ  ئاڭلىتىش  ۋاقتىنى ھەر كۈنى ئەڭ ئاز 8 سائەتكە چىقىرىش،ئامەرىكا ئاۋازى،ب.ب.س. نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنى ئەچىش،گىرمانىيە ئاۋزى،پىرانسىيە ئازاۋىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بۆلۈملىرىنى ئەچىش توغرىسىدا كەڭ كۈلەمدە ئىمزا كامپانىيەلىرىنى باشلىتىشىمىز ۋە بۇ ئورگانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇرۇنلىق ۋە زۈرۈر تەلەپلىرىنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم

مەنبە

环球时报:自由亚洲电台勾结东突 煽动“仇汉”思想

Share
3155 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.