ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىلىرىمىزدىن سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا مەلۈم بولىشىچە، يەركەن ناھىيىسىنىڭ توم ئوستەڭ يېزىسى 7-كەنتدە تۇرۇشلۇق خەلچىخان ھوشۇرنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى توم ئوستەڭ يېزىسىدا ئەسەبىلىك ئىدىسيىنى تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ نەچچە مىڭ خەلق ئاممىسى يىغىلغان مەيداندا سەھنىگە چىقىرىپ ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاپ مەسلىسىنى تاپشۇرۇشقا قىستالغان.
خەلچىخان ھوشۇرنىڭ ئابلەت بارات، تۇرال بارات، سىڭىللىرىدىن جەننەت بارات، پاتىگۈل بارات، كىيئوغۇللىرىدىن ئابدۇرسۇل، ئەركىن قاتارلىق پەرزەتلىرى 2014-يىلدىن باشلاپ تەبلىق ئاڭلىغان ، ساقلىغان دىگەن بۆھتانلار بىلەن 10يىللىقتىن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلىنغان ئىدى.
بۇ پەرزەتلىرىنى ئەسەبىي ئىدىيىدە تەربىيلىگەن دەپ 73ياشلىق خەلچىخان ھوشۇرنى، مەسلىسىنى بېشىدىكى ياغلىق ئېلىپ تاشلانغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.
خەلچىخان ھوشۇر سەھنىگە چىققاندىن كېيىن پەستىكى خەلق ئاممىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئاللا بىزلەرنى بۇ زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۈلۈمىدىن قۇتۇلدۇرغىن، سېنىڭ دىنىڭ خارلىنىۋاتىدۇ ، سەن ئۆزەڭ بىزگە ياردەم قىل، ئەي شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى سىلەر نەدە؟ بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرۇپ تۇرۋاتامسىلەر؟ھەي مۇھاجىرەتتىكى دەۋاگەرلەر ؟ قېنى سىلەر؟ دەپ نىدا قىلغان.
ھاڭۋېقىپ قالغان كادىرلار شاپاشلاپ سەھنىگە چىقىپ، 73ياشلىق خانىمنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ قوللىرىنى قايرىپ سۆرىگەن پېتى ماشىنىغا بېسىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ 7يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER