logo

trugen jacn

يېڭى سېكرېتارنىڭ «پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارغا 28 مىڭ سوم جەرىمانە ئېلىش» بەلگىلىمىسى ۋەھىمە قوزغىغان

dogu-turkistan-da-zulum

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر كۈز مەزگىلىدە، ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىگە سېكرېتار بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن ياڭ فاسىڭ يولغا قويغان بىرقاتار مۇقىملىق تەدبىرلىرى كۇچادىكى ئۇيغۇرلاردا پاراكەندىچىلىك،ئەنسىزلىك ۋە نارازىلىق قوزغىغان.

بىز 5-ئىيۇندىكى پروگراممىمىزدا، ياڭ فاشىڭ يولغا قويغان تەدبىرلەردىن «مەھەللە ئېغىزلىرىغا دەرۋازا ئورنىتىش تەدبىرى»، «24 سائەتلىك قوراللىق ئۆي تەكشۈرۈش»، «سەزگۈر تېلېفون ئۇچۇرلىرى يوللىغانلارنى ئۇچۇر سانىغا قاراپ جازالاش» تەدبىرلىرى ۋە 2014-يىل ئاخىرىدىن 2015-يىلىنىڭ بېشىغىچە تېلېفون ئۇچۇرى سەۋەبلىك 2080 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە كۇچارنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاسىڭنىڭ يولغا قويغان «پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارغا 28 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇپ نوپۇسقا ئېلىش» بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن، جەرىمانە تۆلىيەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسسىز بالىلارنى يوشۇرۇن بېقىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

90-يىللاردىن كېيىن پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارنى ھەقسىز نوپۇسقا ئېلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە 28 مىڭ سوم جەرىمانە

كۇچاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 2-ئايدا كۇچار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەرقايسى-يېزا مەھەللىلەرگە ئورنىتىلغان رادىئو ئۇزېللىرىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 90-يىللاردىن كېيىن پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارنى تىزىملىتىش ۋە بۇ بالىلارنىڭ ھەقسىز نوپۇسقا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەردىن خۇشال بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارغا بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش ئۈچۈن تىزىملاتقان. ئەمما ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان تىزىملاش ئىشىدىن كېيىن، تىزىملانغان بالىلار ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەش تەلەپ قىلىنىپ جەرىمانە تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان ھەتتا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت پىلانىدىن ئاشۇرۇپ بالىلىق بولغان ئائىلىلەردىن، پىلانسىز تۇغۇلغان بالىنى نوپۇسقا ئېلىش ئۈچۈن 28 مىڭ سوم جەرىمانە ئېلىنغان. ئۇ يەنە بۇ خىل جەرىمانە ئېلىش تۈزۈمىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېغىر جەرىمانە سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئائىلىسىنى ئېلىپ باشقا يۇرتلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار نوپۇسقا ئېلىنمىغان باللىرىنى تالاغا چىقارماي يوشۇرۇن بېقىشقا مەجبۇر بولغان ئەھۋاللارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىزغا ئەھۋالنى بايان قىلغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل كۈن كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئۆيدە بېقىلغان بالىلارنى ئۇچراتقان. ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇسسىز بالىلارغا قويغان جەرىمانىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان غەمكىن دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنى ئېچىندۇرغان.

دىنىي نىكاھ ۋە قوش نىكاھ قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش

يېڭى سېكرېتار ياڭ فاشىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەلگىلىمىلەر ئىچىدە يەنە دىنىي نىكاھ ۋە قوش نىكاھ قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نىكاھ گۇۋاھنامىسىنى ئالماي دىنىي نىكاھ قىلغۇچىلار، شەرىئەت قائىدىسى بويىچە بىردىن ئارتۇق خوتۇنى بارلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا 3 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىش تەدبىرى يولغا قويۇلغان.

رادىئومىز كۇچاردىن ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، مەلۇم بىر ھۆكۈمەت كادىرى «دىنىي نىكاھ ۋە قوش نىكاھ قىلغۇچىلارنى جازالاش»تەدبىرىنىڭ بۇلتۇر كەچ كۈز مەزگىلىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ نىكاھ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،بىردىن ئارتۇق خوتۇنلۇق بولغۇچىلار ۋە پىلاندىن سىرت بالىلىق بولغۇچىلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يېڭى سېكرېتار ياڭ فاشىڭ كۇچاردا يولغا قويغان «بىر تېلېفون ئۇچۇرىغا 3 يىل قاماق»، «بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئالغۇچىلارغا ھەر بىر خوتۇنى ئۈچۈن 3 يىل قاماق»،«ئۆي ئاختۇرۇشقا نارازىلىق قىلغۇچىلارغا قاماق جازاسى» قاتارلىق يەرلىك جازالاش بەلگىلىمىلىرى دەستىدىن كۇچاردىكى «80 تام» نامىدىكى يەرلىك تۈرمە توشۇپ كەتكەن. كۇچاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار كورلا، سانجى، شىخەنزىلەردىكى تۈرمىلەرگە جازا مۇددىتى ئۆتەشكە يوللانغان. كۇچار خەلقى ئارىسىدا تۈرمىلەرنى «مومىخانا»(ھورنان بېرىدىغان جاي)، تۈرمىگە يوللانغان مەھبۇسلارنى «بىكارلىق موما يېگىلى كەتتى» دەپ ئاتاش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pilanliq-tughut-06082015162926.html

Share
2174 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.