logo

trugen jacn

يېڭىشەھەر بېلىقكۆل 12-يانۋار ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى-1

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن 6 كىشىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «قەشقەر يېڭىشەھەردە بىر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە 6 نەپەر تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ساقچى ۋە پۇقرالاردىن ئۆلگەن يارىلانغانلار بولمىغانلىقى» نى خەۋەر قىلغان، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمچىلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاش داۋامىدا، 12-يانۋار ۋەقەسى گۇماندارلىرىنىڭمۇ يېڭىشەھەر تازغۇندىن ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ يېڭىشەھەر بازار ئىچىدىكى بېلىقكۆل دېگەن جايدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە رول ئالغان پىدائىيلاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئەر، ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، 4 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ۋە بىر نەپىرىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئالاھىدە ساقچى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بۇ ئۇچۇردىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئاتالمىش 6 تېررورچىنىڭ ئىككى نەپىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە قىسقا بىر خەۋەر بەرگەن، ئەمما كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغان. خەۋەردە ھۇجۇمچىلارنىڭ سانىنىڭ 6 نەپەر ئىكەنلىكى ۋە ھەممىسىنىڭلا ئېتىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن يۇقىرىقى ئالاھىدە ساقچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى 4، بۇنىڭدىن قارىغاندا خىتاي خەۋەرلىرىدە ئېتىۋېتىلدى دېيىلگەن 6 كىشىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا. چۈنكى خىتاي ساقچىلىرى ھەر قېتىملىق ۋەقەلەرنى بېسىقتۇرۇشتا قارا-قويۇق ئوق چىقىرىپ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولغان، ھەتتا 28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ئىسيانىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن سېكرېتار تۇرسۇن مەمەتنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ يىل بايدىكى ۋەقەدە يېزىلىق دوختۇرخانا باشلىقى ۋە ئۇنىڭ 15 ياشلىق قىزى غايىب ئوقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-qarshiliq-07022015140803.html

Share
1293 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.