logo

trugen jacn

يېڭىشەھەر بارىندا يۈز بەرگەن گۇماندار – ساقچى توقۇنۇشىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايلاردا قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ بارىن يېزىسىنىڭ مەلۇم بىر جايىدىكى بىر تامغا ئاتالمىش ئەكسىلئىنقىلابىي شوئار يېزىلغان. ساقچىلار مەزكۇر شوئارنى يازغۇچىلارنى ئېنىقلاش داۋامىدا يېزا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلنى توختاتقان. ئۇلار ماشىنا شوپۇرى مەمەت ھوشۇرنىڭ قولىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يوقلۇقى ۋە ماشىنا رەسمىيەتلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى بايقىغان ۋە مەمەت ھوشۇرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان، مەمەت ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلدۈرۈپ ساقچىخانىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا تېگىشلىك ئىقتىسادىي جەرىمانىنى تۆلەشنى قىلغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئاۋۋال قىسقا بىر تالاش – تارتىش، ئارقىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشتا ساقچى ئالىم ھېيت پىچاقتىن يارىلانغان، گۇماندار مەمەت ھوشۇر خىتاي ساقچى سەيشىن تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نەق مەيداندىكى گۇماندار ئىككى نەپەر، ساقچى 4 نەپەر بولۇپ، توقۇنۇشتا ئامان قالغان گۇماندار قېچىپ قۇتۇلغان. ئەمما، ئۇ ۋەقەدىن 3 كۈن كېيىن يەنە بىر دوستى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر پويىز ئىستانسىسى تەۋەلىكىدە تۇتۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yengisheher-toqunush-07082015202734.html

Share
1245 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.