logo

trugen jacn

يېڭىشەھەر بارىندا ساقچى ئالىم ھېيت پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ بارىن يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئالىم ھېيت پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بۇ ۋەقە مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ئالىم ھېيت بىر گۇرۇپپا ساقچىلار بىلەن يول تەكشۈرۈۋاتقاندا كېلىپ چىققان، ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى 3 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى بارىن يېزىسىدىن، يەنە بىرى يېڭىشەھەرنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدىن. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن، ئىككى نەپىرى ۋەقەدىن بىرقانچە كۈن كېيىن قەشقەر پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا تۇتۇلغان.

مۇخبىرىمىز بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش داۋامىدا ۋەقەدە يارىلانغان ساقچى ئالىم ھېيتنىڭ ئۆزى بىلەنمۇ سۆزلەشتى، ۋەقەدە ئۆزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، نۆۋەتتە سالامەتلىكىنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئالىم ھېيت ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-hujum-07062015150519.html

Share
1413 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.