logo

trugen jacn

يېڭىسار قىزىلدىكى قانلىق توقۇنۇشتا ئون نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى

 

شۆھرەت ھوشۇر

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېڭىسارنىڭ قىزىل يېزىسىدا رامىزاننىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەرەپتىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى دېلو بېجىرگۈچىلەردىن باشقا ساقچى خادىملىرىغا رەسمىي شەكىلدە دوكلات قىلىنمىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن ساقچىلارنىڭ يىغىن ۋە خىزمەت داۋامىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 6 ياكى 9، پىدائىيلاردىن 4 ياكى 5 كىشى ئۆلگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى قىزىل يېزىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى مەلۇم بىر نۇقتىلىق ئائىلىنى تەكشۈرۈشكە كىرگەندە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا پىچاق ۋە يەرلىك بومبا قوللانغان پىدائىيلاردىن ئىككى نەپىرى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن، ئىككى نەپىرى يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئۆلگەن پىدائىيلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/yengisar-toqunush-08062015160917.html

Share
1436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.