logo

trugen jacn

يېڭىساردىكى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا ساقچى خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ چەتتە قالمىدى

 

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-09-20
كوچا چارلاۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىساردا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئېغىر كېسىم جەريانىدا خىتاينىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى، ياردەم ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ چەتتە قالمىغان. يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدىنلا ئاز دېگەندە 4 نەپەر ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان؛ ساقچى تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ دادىسى ۋە ئىككى قېرىندىشى تۇتۇلغاندىن باشقا ئۆزىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن 21 ياشلىق مەھكۇم ھۆرىگۈل ناسىرنىڭ ئاكىسى يۈسۈپجان ناسىر، ياردەمچى ساقچىلىقتىن پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئامانلىق خىزمىتىگە يۆتكىۋېتىلگەن.

بىز ئۆتكەن ھەپتە يېڭىسار ساغاندىكى 21 ياشلىق ھۆرىگۈل ناسىرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئەھۋالدىن خەۋەردار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ ھۆرىگۈل ناسىرنىڭ ساغان ساقچىخانىسىدىكى ياردەمچى ساقچى يۈسۈپجان ناسىرنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدىكى ھەرقايسى ساقچى پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزدىن قوبۇل قىلغان ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئالاقىدار سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر تۈركۈم ساقچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى ئىنكار قىلمىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، يۈسۈپجان ناسىر سىڭلىسى كېسىلگەندىن كېيىن ساغان ساقچىخانىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ نۆۋەتتە ساغان يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئامانلىق خىزمىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاينىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى قاتتىق زەربە دولقۇنلىرىدا خىتايغا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاساس قاتلام كادىرلىرى، بولۇپمۇ مۇقىملىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملىرى ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىمۇ پېشكەلچىلىكتىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ يىلقى دولقۇندا خىتاينىڭ ئاكتىپ خادىملىرىغا بۇ يۈز-خاتىرە قىلىنمىغان. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ تۇتۇلۇش، كېسىلىشتىن خالىي بولالمىغان.

بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يېڭىساردا قېرىنداش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتۇلغانلارنىڭ يالغۇز يۈسۈپجان ئەمەسلىكى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى تۇرسۇنجان ئەمەت چېگرا ساقچىسى بولۇپ ئالدىنقى سەپتە بەش يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئىككى ئاكىسى، ئۆزىنىڭ ساقچىخانىدىكى سەپداشلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۆزىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەستىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۆزىنىڭ كېچە-كۈندۈز 24 سائەتلەپ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان يېڭىسار توپلۇقتىكى بىر ئامانلىق خادىمى، ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كېسىلگەنلىكى، خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسىنىڭ سوت ھۆكۈمىنى ئوقۇشقىمۇ ۋاقتى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yingisarda-keng-kolemlik-tutqun-09202017223741.html

Share
1349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.