logo

trugen jacn

يېڭىساردىكى بىر ساقچى: تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 10 يىللىقتىنلا كېسىلىۋاتىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېڭىسار ساغۇندا بالا باققۇچى ھۆرنىسا دوستىغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەن.

فېيسبوكتا تارقالغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يېڭىسارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇردا تۇتقۇنلارنىڭ سان جەھەتتىن پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكىدىن باشقا يەنە يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن 10 ۋە 15 يىللىقتىن كېسىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا بىر ساقچى خادىمى 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپۇلۇق يېزىسىدا 2مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 10 يىللىقتىنلا كېسىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يېڭىساردا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە چىقىرىلىۋاتقان ئېغىر جازا ھۆكۈملىرى ھەققىدە يېڭىساردىكى ساقچىخانىلاردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات سورىدۇق. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، بۇ يىل تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 10 يىللىقتىنلا كېسىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، يېڭىسار ساغاننىڭ 1‏-كەنتىدە ھەسەن ئىمىن ئىسىملىك 70 ياشلىق بىر كىشىنىڭ 11 ياشلىق پەرزەنتىگە دىن تەربىيىسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە يېقىندا قاماقتا ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ساغاننىڭ 7‏-كەنتىدە ياشتا چوڭ بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى، ئەمما كىملىكى دەلىللەنمىدى.

مەزكۇر ساقچى يېڭىسار ساغاندا 21 ياشلىق ھۆرنىسا ناسىرنىڭ بىر دوستىغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلىدى. يەنە مەزكۇر ساقچى بىلەن سېكرېتارلارنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭىسار ماڭشىن يېزىسىنىڭ باغچە كەنتىدە سابىق مەھبۇس ئابدۇۋاسىپ ئۆمەر بۇ يىل 1-ئايدا بىر كەنت كادىرنى «غالچا» دەپ تىللاپ قويغانلىقى ئۈچۈن تەكرار 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئالدىنقى كۈنى بىر ساقچى خادىمى 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلغانلىقى، توپلۇقنىڭ نوپۇسى 3000 ئەتراپىدىكى ئۆتەڭ كەنتىدىن 415 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەردىن 2 دىن 5 كە قەدەر كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئابدۇۋاسىپ ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى خەيرىنىسا ئۆمەرنىڭمۇ تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. بىز ساقچىلار تەمىنلىگەن تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، بىر قىسىم مەھبۇس ۋە تۇتقۇن ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. ھۆرنىسا ناسىرنىڭ دادىسى قىزىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىسار ناھىيىسى ئىككى بازار، 12 يېزىدىن تەشكىللەنگەن، ئومۇمىي نوپۇسى 284 مىڭ كېلىدىغان بىر ناھىيە. ھازىرغا قەدەر، كەڭ‏-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە كېسىم داۋام قىلىۋاتقان يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ۋە 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى؛ بۇ يىل قانلىق ۋەقەگە چېتىلغان يېڭىسارنىڭ سېتىل قاتارلىق باشقا يېزا-بازارلىرىدا ھازىرغا قەدەر قانچە كىشى تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurlar-koplep-kesilmekte-09112017203740.html

 

Share
1369 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.