logo

trugen jacn

يېڭىدىن قۇرۇلغان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» تەركىبىدە قايسى دۆلەت ۋە شەخسلەر بار؟

 

ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيەدىن كەلگەن كۆپ دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ زور خىرىسلىرىغا ئورتاق ماسلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تەرەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. بۇ ئىتتىپاققا ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىدىن ئۈمىد بار.

كۆپ دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» (قىسقارتىپ IPAC) جۈمە كۈنى (5-ئىيۇن) قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەككىز دېموكراتىك دۆلەت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى سىن ئارقىلىق ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى ۋە مەقسىتىنى چۈشەندۈردى. بۇ ئىتتىپاق تۋىتتېردا مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى يوللىغان بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە 410 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈشكە ئېرىشكەن. بۇ سىنلارغا ئىنگلىزچە، ئەنئەنىۋى خىتايچە ۋە ياپونچىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا يېزىق قوشۇلغان.

ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى سىننىڭ بېشىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۇنياغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ پۈتكۈل ئەسىرنى بەلگىلەيدىغان بىر خىرىس، بۇ خىرىس ھەممىمىزگە ۋە ئەۋلادلار ئارا ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوخشىمىغان پارتىيەلەرمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.»

بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى دەرھال ئۇلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە، ھازىر بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمە رەئىسلىرىنىڭ سانى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى 18 دىن 20 گە كۆپەيدى. ئۇلار ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا پارلامېنتى، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، نورۋېگىيە، شىۋىتسىيە، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە ۋە لىتۋادىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو، ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىس ۋە گېرمانىيە دېموكراتىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى مايكېل براند قاتارلىقلار بار. بۇ ئىتتىپاقنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پات يېقىندا ئىتتىپاققا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئىتتىپاق ئورگان تورىدا ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بەش مۇھىم ساھەنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش، سودا ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداش.

بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: «بىز ئاز ساندىكى سىياسىئونلارنى پاكىت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى روھىي ھالىتى ۋە ئىدىيىۋى بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كېچىشكە، ھەر خىل مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سىياسىي كونترول قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئورگان تورىدا ئىلان قىلىغنا تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىليەدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشكە تىرىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت بۇ كومىتېتنىڭ مەركىزىي كاتىباتلىق بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كومىتېتنىڭ مەسلىھەتچىلىرى تەركىبىدە ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ دۇنياغا تونۇتۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزمۇ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

http://turkistantimes.com/uy/news-12885.html

 

Share
2668 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.