logo

trugen jacn

يېزا سېكرېتارى: ئەرزدار غوجىمەمەت جاپپار تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز

31d4d508-ed2a-4c55-b77f-d37401f7e21d

شۆھرەت ھوشۇر

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۆۋەتتە بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۆي-زېمىن ئەرزدارى غوجىمەمەت جاپپار ئۆتكەن ئايدا ئۆز ئەھۋالىنى رادىئومىزغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ئەرزدار تەۋە بولغان كەنتنىڭ سېكرېتارغا تېلېفون قىلدى.

سېكرېتار دەسلەپتە، غوجىمەمەتكە كەنت ئىگىلىۋالغان ئۆي-زېمىنى ئۈچۈن 80 مىڭ سوم تۆلەم بېرىلىپ بولغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ كېلىشىمدىن يېنىپ ئەرزنى تەكرار باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سېكرېتار يەنە غوجىمەمەتنىڭ ئەرزنى قايتا باشلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، ئەگەر قويسا، بۇنىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەرزدار غوجىمەمەت بولسا، ئەينى چاغدا دائىرىلەرنىڭ 80 مىڭ سوملۇق تۆلەمگە تەھدىت سېلىپ مەجبۇرىي قول قويدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 80 مىڭ سوم تۆلەمنىڭ زېمىن ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى، ئادالەت ۋە ھەق-تەلەپ ئىشلىرىدا كۆپلىگەن ھەقسىزلىقلارغا يول ئاچقان. بۇ ھەقسىزلىق ئالدى بىلەن پۇقرالارنى كۆپلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان بولسا، بەزىدە دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىتىپ ۋە چارچىتىپ كەلمەكتە.

قاراقاش ناھىيە ماڭلاي يېزىسىدا 15 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان يۇقىرىقى داۋا، ئۇيغۇر ئېلىدا بېسىلىپ تۇرۇۋاتقان، ئونمىڭلارچە ھەق تەلەپ داۋاسىنىڭ پەقەت بىرلا مىسالىدىن ئىبارەتتۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-erzdar-02112015141148.html

Share
1628 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.