logo

trugen jacn

يېزا سېكرىتارىدىن كەنت سېكرېتارغا بۇيرۇق: قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەنزۇغا بەرمىسەڭ، سېنىڭ كەنتىڭگە مەبلەغ يوق

b05b2ace-78dc-4d6b-bca3-96bbd183f041

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە يوپۇرغىنىڭ بايئاۋات يېزىسىدا، بىر گاز قۇرۇلۇش ئەترىتى يەر ئىگىلىرىدىن رۇخسەتسىز ھالدا مەلۇم بىر ئېتىزلىقنى ئاغدۇرۇش ۋە كولاشقا باشلىغان. بۇ ئەسنادا ئاھالىلەردىن 20 نەچچە كىشى ئېتىز بېشىغا كېلىپ يەر كولاش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە يەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە ئۆزلىرىگە تۆلەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن يەرلىك ئەمەلدارلار دېھقانلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن. تەھدىتلەر ئارىسىدا يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارغا بويسۇنۇشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى يوشۇرمىغان ۋە كۆپچىلىكنىمۇ خىتايلارغا شەرتسىز بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان.

تەھدىت سۆزلەردىن پاش بولۇشىچە، يېزىلىق پارتكومنىڭ خىتاي سېكرېتارى كەنت سېكرېتارلىرىغا، ئەگەر قايسى كەنت قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەنزۇلارغا بەرمىسە، دۆلەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سانىنى شۇ كەنتكە بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر بىناكارغا كۋادرات مېتىرى 570 سومدىن بېرىلمىگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى، خىتاي بىناكارغا 620 سومدىن بېرىلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-siyasiti-01282015145300.html

Share
1634 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.