logo

trugen jacn

يۈننەن ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

1114036698_14215959667061n

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىدا ۋەقە چىقىپ، بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەرلىك قوراللىق قىسىمدىن تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈجيۇ ساقچى پونكىتىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا «جىھاد قىلماقچى بولغان». ساقچىلار بىر نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، 3 نەپىرى قېچىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ھازىر قوراللىق قىسىملار شەھەر ئەتراپىدىكى يوللاردا چازا قۇرۇپ بۇ قېچىپ كەتكەن 3 كىشىنى ئىزدەشكە باشلىغان.

يۈننەن ئۆلكىسى خىتايغا قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار سىرتقا قاچىدىغان بىر ئېغىز بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭمۇ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق قوشنا ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە ساقچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-saqchi-03262015155918.html

Share
1307 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.