logo

trugen jacn

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆمۈر يولى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بىرقانچە نەپەر ئوت يۈرەك ياش مۇسابايلار جەمەتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قەشقەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ئاتۇشتا يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىدى

كېيىنچە تۈركىيەدىن كەلگەن ئەھمەد كامال ئىلكۇلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىچە مىللىي مائارىپ يەنىمۇ كېڭىيىدۇ. ئەنە ئاشۇ مەزگىللەردە، يەنى ئۇيغۇر خەلقى يېڭىچە مائارىپقا، ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە مىللىي ئويغىنىشقا تەشنا بولۇۋاتقان بىر زاماندا ئاتۇشتىكى مۇخلىس ئاخۇن ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ 1920-يىلىنىڭ قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر كۈنى ئىدى.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى دەسلەپكى تەلىم-تەربىيەنى ئاتۇشتىكى دىنىي مەكتەپتە، كېيىنچە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇسۇلى-جەدىد مەكتەپلىرىدە ئالىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۆز دەۋرىدە قەشقەردىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ۋە دىپلوم ئالغان زامانىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي زىيالىيلىرىدىن ئىدى.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەينى ۋاقىتتا دىنىي خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ئىمامەتچىلىك قىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 9 ياشقا كىرگەندە ئاكىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 1929-يىلى ئاتۇشتىن ئايرىلىپ چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىگە كۆچىدۇ ۋە يەرلىشىدۇ. ئەينى يىللىرى چۆچەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى يېڭىچە مائارىپ بىرقەدەر گۈللەنگەن رايون بولۇپ، ياش يۈسۈپبەگ دۆربىلجىندىكى يېڭىچە مەكتەپكە كىرىپ، تاتار ئوقۇتقۇچىلاردىن تەلىم ئالىدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆسمۈرلۈك يىللىرى 1931-يىلى قۇمۇلدىن باشلانغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ دولقۇنلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا كېڭەيگەن مىللىي ئىنقىلابنىڭ بىر قىسىم جەريانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە بۇ ھۆكۈمەت يولغا قويغان بىر مەزگىللىك ئاقارتىش دولقۇنىغا شاھىت بولىدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك يىللىرىغا توغرا كەلگەن 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ قانلىق سەھىپىلىرى بىلەن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىگە ستالىن ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي سۇيىقەستلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، «ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىمىز» دەپ جار سالغان بولشېۋىكلەرنىڭ ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا ئەمەس، بەلكى مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە ياردەم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

1935-يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك گىمنازىيەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ يۇقىرى دەرىجىدە تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ساناقلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يىللاردا يەنە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى تۈركۈمدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى.

1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1940-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ياش يۈسۈپبەگ مۇخلىسى دەسلەپ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك گىمنازىيەدە، كېيىنچە بۇ يەردىن تاللانغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى بىلەن سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق ئوت يۈرەك ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلاردا بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بىرقانچە نەپەر ئوت يۈرەك ياش مۇسابايلار جەمەتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قەشقەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ئاتۇشتا يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىدى.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 1930-يىللاردىن تاكى 1940-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان بىر جەرياننى ئۆز ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر دەۋر دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ يەنە بۇ يىللارنى 1944-يىلى ئىلىدا پارتلىغان ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان، مىڭلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدە ھۆر ۋە مۇستەقىل بىر ۋەتەننىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتقان يىللار دەپ قارايدۇ.

بۇ يىللاردا زامانىۋى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى كۆرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن نەچچە ئونلىغان مىللىي دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىغا شاھىت بولىدۇ. ئۇلار شۇ يىللاردا يەنە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ خۇددى «خامېلېئون» دەك رەڭ ئۆزگەرتىپ، ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن كىيىۋالغان كوممۇنىزم يېپىنچىسىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقىنى، ستالىن ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندا ئىنقىلابقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆزىنىڭ 24 ياشلىق بىر نەۋقىران يىگىت ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا شاھىت بولغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بۇ قىسقىغىچە 5 يىلنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر سەھىپە بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا 30 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆز ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ دەۋرنى ئەسلىگىنىدە قەلبى قاتتىق قىرىلىدۇ. ئۇ شۇنچە قانلار ۋە شۇنچە قۇربانلار بەدىلىگە قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ستالىن تەرىپىدىن ھېچقانداق شەرتسىز ھالدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى چەكسىز ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن، مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىز بىر رەۋىشتە ئاخىرلاشقانلىقىنى، مىللىي ئارمىيەنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، قىسقىغىنە بىر دەۋر مىللىي ھۆرىيەتنىڭ تەمىنى تېتىغان مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئۈمىدسىزلىككە چۆككەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ، بۇ يىللاردا قەلبىنى تاتىلاۋاتقان تارىخىي رېئاللىق ئالدىدا بوشىشىپ ئولتۇرمايدۇ. 1950-يىلىدىن تاكى 1958-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ ساھەسىدە جاپالىق ئىزدىنىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ناھىيەمۇ ناھىيە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر قىممەتلىك ئاسارئەتىقىلەر، قوليازمىلار ۋە قەدىمكى بۇيۇملارنى توپلايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ.

ھالبۇكى، 1958-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز چۈمپەردىسىنى قايرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» نى باشلايدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئەينى يىللىرى ئىلى ئىنقىلابى جەريانىدا يېتىشىپ چىققان مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى بىلەن زىيالىيلارنىڭ دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

1959-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «يەرلىك مىللەتچىلىك» قالپىقى بىلەن زەربە بېرىلگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى ئەمگەك لاگېرىدا ئەمگەككە سېلىنىدۇ. 1960-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن باغلىنىشى بولغان ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى گەرچە سوۋېت پۇقراسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ «سوۋېت رىۋىزىيونىزمچىسى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلىدۇ. ۋەتەندە تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن 10 يىلدىن ئارتۇق ھاياتىدىن كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى ئەسلىمە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارنىڭ پۈتكۈل شەھەر-بازارلىرى بىلەن يېزا-قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىدەك بۇ قىممەتلىك پۇرسەت ئۇنىڭ ھاياتىدا قايتا بولمايدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق روللارنى ئوينايدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1960-يىللاردىن بۇيان سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي توقۇنۇشى ۋە سوغۇق ئۇرۇشلىرى ئىچىدە ۋەتىنى ئۈچۈن تىنىمسىز يول ئىزدىگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ۋەتەنسىز ھېچ بىر ئىشنىڭ رېئاللاشمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قالدۇرغان تىلەكلىرىدە «مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ ئازادلىقىدىن باشقا ھېچ بىر ئارمىنىم يوق،» دەيدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ يىقىلىپ، كوممۇنىستىك سىستېمىنىڭ غۇلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا 5 دۆلەتنىڭ، شۇ جۈملىدىن مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇ ھال ئۇنىڭغا مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. شۇ يىللىرى ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىدۇ. پۈتكۈل زېھنى ۋە ۋاقتىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىقات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئائىلىسىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نەۋرە كېلىنى دىلدار راشىدىن خانىم 1992-يىلى ئۆزىنىڭ ئالمۇتادا تۇنجى قېتىم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنى كۆرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن بايان قىلىدۇ.

دىلدار خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، شۇ يىللاردا يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىر تەرەپتىن «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىت چىقىرىپ تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، باش شتابى لوندوندىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» بىلەن «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىپ ئۇچلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. دىلدار خانىم شۇ يىللاردا يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆزىگىمۇ بىر ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

دىلدار خانىم، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1990-يىللاردىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى ۋە زېھنىنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا سەرپ قىلغانلىقىنى، ئۆيىدە بىر يېزىق ئۈستىلى، بىر ئورۇندۇقى ۋە كارىۋىتىدىن باشقا ھېچنېمىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھالبۇكى، شۇ يىللاردا ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ كىشىلەر يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن سەۋداسىنىڭ ئۇنى نېمە كويلارغا سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان ئايرىم شەخسلەردىن ئاغرىنمايدۇ. بۇنى ھەرقانداق دەۋر ۋە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بولىدىغان نورمال ھادىسە دەپ ھېسابلايدۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىدىن قەتئىي قايتمايدۇ.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى كېيىنكى ھاياتى داۋامىدا «ۋەتەنسىز نەغمە-ناۋا ماڭا ئەسلا راۋا ئەمەس،» دېگەن پرىنسىپ بويىچە ياشايدۇ. ھەرقانداق توي-تۆكۈن ۋە نەغمە-ناۋا سورۇنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدۇ. دىلدار خانىم، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ شۇ يىللاردا ھەتتا ئۆز ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان جىيەن ئوغۇللىرىدىن مۇھسىن مۇخلىسوفمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تاغىسى مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆز پرىنسىپىدىن ۋە ماڭغان يولىدىن قايتقان كىشى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ۋەتەن ئازاد بولمىغۇچە توي-تۆكۈن ۋە نەغمە-ناۋا ماڭا راۋا ئەمەس» دېگەن پرىنسىپ بويىچە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن 20 يىل مۇقەددەم، يەنى 1998-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ئۇ رادىيومىزغا قالدۇرغان ئاۋازلىق سۆزىدە ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ئۇيغۇرچە گېزىتنى 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىزچىل چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان يەنە بىر جىيەنى ئابدۇلھادى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق بۇ ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ تاغىسىنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ئاندىن نەشردىن توختىغانلىقىنى، تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بۇ گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەينى يىللىرى ھەتتا ئاچ قالغان چاغلىرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ

www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/yusupbeg-muxlisi

Share
2863 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.