logo

trugen jacn

يۈزلىگەن ئۇيغۇر ھاجى سانجىدا قاماقتا

سانجىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئادۋوكات، سانجى شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ھاجىنىڭ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا، بولۇپمۇ جەنۇبتا يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە تورىنىڭ 4- ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، سانجى ئوبلاستىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ھەجدىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىكەن.

مەزكۇر رادىئونىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك بىر ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتىتىنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بىر ھۆججىتى ھەر قايسى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، سوت مەھكىمىلىرىدىن ئاھالىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىمىگەن ئائىلە يىغىلىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئادۋوكات دىنىي دىلولارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، سانجى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدىكى بىر سوتتا، سوتچى ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى دىنىي مەزمۇن بولغان يىغىلىشلارنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

شەرقىي تۈركىستاندا دائىرىلەر تارقاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» تىزىملىكى

نام – شەرىپىنى ئاشكارلىمىغان بۇ ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل 3- ئايدا سانجى شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بىر كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارغاندا، بۇ يەردە 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، سانجىدا قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قسىمى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر بولۇپ،  قالغانلىرى ھەج قىلىپ كەلگەنلەر ئىكەن.

بۇ ئادۋوكات يەنە،  يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالغا بېرىپ ئىشلىشىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ شىمالغا بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مەزگىل شىمالدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا بىر تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، شىنجاڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى «نۇقتلىق كونترول قىلىش ئوبېيكتى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە ھەر قايسى جايلاردا ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك خاتىرىسى بولمىغان ئۇيغۇرلار باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلىمەكچى بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن.

5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيين، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارغا چەكلىمە قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، مېترو بېكىتى قاتارلىق جايلارغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلغان، قارىماققا تېررورىزمغا قارشى تەدبىرلەردەك قىلسمۇ، ئەمەلىيەتتە روشى ئىرقىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان

http://turkistantimes.com/uy/news-1712.html

Share
2141 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.