logo

trugen jacn

يىراقتىكىلەر داموللاممۇ؟

 

 

ئۇيغۇرلاردا‹‹يىراقتىكى موللام داموللام،يېقىندىكى موللام جا موللام››دەيدىغان بىرگەپ بار،بۇگەپكە قارايدىغان بولساق داموللا دېگەن بۇ سۆز پارسچىدىن كېرگەن سۆز بولۇپ ئىنتايىن بىلىملىك، يىتىشكەن ئىلمى مول كىشى دېگەنمەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
ئەمدى جاموللا دېگەن سۆزگە كەلسەك،جادېگەن ئاتالغۇ خەنزۇچىدىن كەلگەنلىكى ئىنىق،جىيا دېگەن ئاتالغۇ ساختا،يالغان دېگەن سۆز بولۇپ يەنى ساختا موللام،يالغان موللام ياكى ئىلمى يوق موللام دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ .
ئۇنداقتا نېمىشقا يىراقتىكىلەرناھايىتى بىلىملىك يىتىشكەن بولۇپ،يىنىدىكىلەر يىقىنلىرى بولسا ساختا موللام،يالغان موللا،بىلىمسىز موللا ھىسابلىنىدۇ .
بۇ ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنمەسلىكمۇ؟ياكى يىراقتىكىلەرنى بەك چوڭ كۆرگەنلىكتىنمۇ؟
بۇ سۆزدىكى جىيا ئاتالغۇسىغاقارايدىغان بولساقلا ،بۇسۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ،ھەم بۇ سۆزگە تەئەددى،تەنەقىيداش ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ مۇشۇ سۆزئارقىلىق ئۆتكەن تارىخقا بىر خىل نارازىلىق خاھىشى سىڭدۈرۈلۈپ كەتكەن دەپ قارايمەن .
ئۇنداقتا بىز تارىخنى بىر قۇرۋاراقلاپ بۇ نارازىلىق ،قىيداش خاھىشىنىڭ كىلىش مەنبىيىى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى .

 

10-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا قەدىمى يۇرت جايپەچچىمدە ياڭرىغان  تۇنجى ئەزان ئاۋازى بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بەرپا قىلدى،  
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى ئىدى.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تاغىسى ئوغۇلچاق قادىرخاندىن ھاكىميەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن قاراخانىيلار تەۋەسىدەئىسلام دىنىنى كۈچەپ تارقاتتى، دىن تارقىتىش ئىشى يالغۇز دىنى ئۇرۇشقىلا تايىنىپ قالماي، سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىيغا ئوخشاش دىنى ئۇستازلار تەسىرىدىنمۇ تارقىتىلىۋاتاتتى .
ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىنتارقالغاندىن كېيىن دىنى ئۇرۇش ۋە روھانىيلارنىڭ دىن تارقىتىشى نەتىجىسىدە ئىران، ئوتتۇرائاسىيا تەۋەسىگە تارالدى،7-ئەسىرنىڭ60-يىللىرى ئۈمەييە خانلىقى قۇرۇلۇپ،باش سەركەردە قۇتەيبەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇريىلتىز تارتتى، كېيىنچە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىپ ئاخىرىدا يوقالغان بولسىمۇ ئەمما ئىسلام دىنى بۇ رايونلاردا كەڭ تارقالغان بىر دەۋىر بولدى .
گەرچە بۇ رايونلاردا ئۆز ئالدىغانۇرغۇن ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەرەبلەر تەرىپىدىن تىكلەنگەن خەلپىلىكبىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزىۋىتىلمىدى، دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا تارقالدى .

 

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى ئەرەب ئىسلام مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا پارسلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىدى،ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋال ئەرەبلەر تېخى قەبىلە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدە، ئاددىچارۋىچىلىق ھاياتىدا ياشاۋاتقان چاغلاردا ئاخمانىيلار،ئارساكلارۋەساسانىيلارسۇلالىسى قۇرغان پارسلار ئاللىقاچان مۇكەممەل فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللەندۈرۈپ،مەدىنىيەت جەھەتتە شەرق دۇنياسىدىكى بىر مەركەزنى ھاسىل قىلغانىدى. شۇڭا ئەرەبلەر پارسلارنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈملىرىنى ئەڭ ئالدى بىلەن پارسلارغا تەقلىد قىلىش ئاساسىدا قۇرۇپ چىقتى. ئابباسىيلاردەۋرىدە خەلىپە مەنسۇردىن خەلىپە ھارۇن رەشىتكىچە بولغان مەزگىللەردە باش ۋەزىرپارسلاردىن بولدى، ۋە پارسلارنىڭ تەسىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ھەتتا بەزىلەرئابباسىيلار خەلپىلىرىنى ‹‹مۇسۇلمانلارنىڭ ساسانىيلار پادىشاھلىقى››دەپ ئاتىدى.‹‹ئەرەب خەلپىلىرى باغداتتا ساسانىيلارنىڭ خىسراۋ شەكلىدىكى ھۆكۈمەتلىرىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە پارسلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۇ دەۋىرلەردە پارسلارنىڭ باش كىيىمى، پارسلارنىڭ مەي-شاراپلىرى، پارس ئاياللىرى ۋە ئاشنىلىرى،پارس ناخشاكۈيلىرى ۋە پارسچە تەپەككۇر مودا بولغانىدى …شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى،پارسلارنىڭ تەسىرى ئەرەبلەرنىڭ ئىپتىدائى تۇرمۇش پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ،ئىلىم-پەن ۋە ئىلمى مۇلاھىزە بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان يېڭى ئېراغا داغدام يولئاچتى. ئەرەبلەردە ئىككىلا نەرسە –دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام دىنى بىلەن دۆلەت تىلى بولغان ئەرەب تىلىلا ساقلىنىپ قالدى›› ‹‹سەنئەت،قۇرۇلۇش، پەلسەپە، تىببى ئىلىم،تەبىئى پەن، ئەدەبىيات ۋە سىياسى قاتارلىق نەرسىلەردە ئەرەبلەرنىڭ باشقىلارغابەرگۈدەك ھېچنىمىسى يوق ئىدى. بەلكى ھەممىنى باشقىلاردىن ئۈگەنگەنىدى ،خەلپىلىك دەۋرىدە پارسلارۋە مىسىرلىقلار يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئىسلام مۇرىتلىرى سۈپىتىدەئوقۇتۇش ۋە ئىلمى تەتقىقاتنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالدىنقى سەپتەماڭغانىدى››.

 

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،ئەرەبلەرنىڭ ئىراندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئازكەم ئۈچ ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتى9-ئەسىرنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە، ئىران تەۋەسىدە سەففەرىيلەر(861-900)بۇۋەييىلەر(945-1055)ۋەسامانىيلار(875-999)
قاتارلىق يەرلىك خانلىقلار قۇرۇلۇپئاستا-ئاستا ئەرەبلەرنىڭ ئىراندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئوغلى مۇسائارسىلانخان، ۋە كېيىنكى ۋارىسلىرى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ خوتەن بۇددىسىتلىرى،ۋە سامانىيلار پادىشاھلىقىغا دەششەتلىك دىنى ئۇرۇشلارنى قوزغىدى، بۇ ئۇرۇشلارداغەلىبە قىلىپ ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتتى .

 

بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشى مۇشۇئۇرۇشلاردا ۋاپات بولدى، بولۇپمۇ خوتەن بۇددىسىتلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا زورتالاپەتكە ئۇچرىدى، قانچىلىغان پادىشاھلار ۋاپات بولدى، نەچچە قىتىملاپ پايتەخىت بولغان قەشقەر قولدىن كەتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا،ئەرەب-پارس،خانلىقلىرىدىن قاراخانىيلار سۇلالىسىگە ياردەمگە كەلگەنلەرنىمۇ چەتكە قىقىشقابولمايدۇ ،بۇ دىنى ئۇرۇشلاردا ۋاپات بولغانلارنىڭ ،ۋە دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەندىنى ئۇستازلارنىڭ ئىزلىرى ۋە قەبرىلىرى دىيارىمىزدا قالدى .

 

ۋە كېيىنكى دەۋىرلەردىكى دىنى ئۇرۇشلاردا ۋاپات بولغانلار،كەلگەن دىنى ئۇستازلارنىڭ قەبرىسى بىلەن قوشۇلۇپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى، خەلقمىزنىڭ ئىغىزىدىن ئىغىزىغا كۆچۈن مەدداھلارنىڭ جەڭنامىلىرىگە ئايلاندى .
شۇنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى بۇ دىنى ئۇرۇشلارغا ئەرەب –پارسلاردىن كېلىپ قاتناشقانلار ۋە دىن تارقاتقۇچىلاربولغان بولسىمۇ لېكىن خەلقمىزنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگەساھابى كىرەملەرگە بولغان چەكسىز ساداقەت، ھۆرمەت مېھرى مۇھەببەت تۈپەيلى، ھەرخىل كۆپتۈرۈش قارىغۇلارچە چوقۇنۇش،سەۋەبلىرىدىن كۆپىنچىلەرنىڭ دىيارىمىزغا كەلگەنلىكى توقۇلما ياكى ئەپسانىدۇر ،دىيارىمىزدىكى بەزى مازارلارمۇ گەرچە بەزى داڭلىق نامدائاتالسىمۇ مازاردا شۇداڭدار كىشى قويۇلمىغان كىشىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئىسلامىيەتكەقوشقان تۆھپىسىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇلارنىڭ نامىدا ئاتاشقان .

 

بۇمازارلاردىكى ياكى ئەپسانىلەردىكى كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن ،قايسى مەزھەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ نەسەبى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئەلى كەرىمۇللا ۋەجھۇ ئارقىلىق مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا تۇتىشاتتى.
بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خەلقىمىزئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنۇ رىۋايەتنى كۆرسىتىپ ئۆتەي :

 

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ قىزى نۇرئەلانۇرخان ياتلىق بولمايلا ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورسىقى يوغىناپتۇ.ئۇنىڭ ئانىسى بۇ ئەھۋالنى قىزىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، نۇرئەلانۇرخان ‹‹چۈشۈمدە بىر شىر ئۈستۈمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسام چۈشۈمكەن، شۇندىن بىرى قورسىقىم يوغىناپ كېتىپ بارىدۇ››دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ئەھۋال سىرىتقا ئاشكارلىنىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپتۇ. سۇتۇق بۇغراخان خانىشتىن بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ ‹‹قىزىڭىزقىنى ئالدىمغا كەلتۈرۈڭ››دېگەن خانىش ئاڭغۇچە قىزىنى قاچۇرىۋەتكەن. قىزى نۇرئەلانۇرخاننى ھىچ يەردىن تاپالمىغان سۇتۇق بۇغراخان دەرھال ئەتراپقا چاپارمەن ئەۋەتىپ ئىزدەتكەن.

 

نۇرئەلانۇرخان ئالتىن ئاتۇشنىڭ لەڭگەريېزىسىدا قېچىپ كېتىۋىتىپ، تاغ تۈۋىگە كەلگەندە بىر ئىت پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا يولباشلىغان،تاغ يولنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە نۇرئەلانۇرخاننىڭ تولغىقى تۇتۇپ، يول تۈۋىدىكى دۆڭلۈككە چېقىپ شۇ جايدا بالىسىنى تۇققان، كەينىدىن ئاتلىق قوغلاپ كەلگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان باشلىق كىشىلەر قارىسا، تۇغۇلغان بالىنىڭ پېشانىسىدىن بىرنۇر ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقۇدەك. قوغلاپ كەلگەنلەر ھەيران بولغان ھەم ئارقىغاقايتىپ كەتكەن ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئوردا ئالىملىرىنى يىغىپ بۇ مەسىلىنىسورىغان،ئالىملار كىتاب كۆرۈپ:‹‹بۇ ھەزرەت ئەلىدىن بولغان پەرزەنتكەن››دەپ جاۋاببەرگەن. ھازىر نۇرئەلانۇرخان تەۋەللۇت قىلغان يەردە خام كىسەكتە ياسالغان بەلگىگەئوخشاش ئورۇن بار.

 

خەلقىمىزئارىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەر ،ۋە ئەپسانە قەبرىلەر خىلى كۆپ تارالغان بەزىلىرى راست بولسىمۇ بەزىلىرى شۇ دەۋىرلەردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھاكىميەتنى ساقلاشتىكى بىر تۈرلۈك ۋاستىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كىشىلىرىمىزنى ئالداپ كەلگەن .
قاراخانىيلار سۇلالىسى دىنى ئۇرۇش قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سامانىيلار سۇلالىسىنى ھەربى سىياسى ۋاستىلەر بىلەن قوشۇۋىلىشنى تىزلەشتۈرگەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قارىخانىيلارسۇلالىسى سامانىيلار خانلىقىنى يوقۇتۇپ بىر مەزگىل ھەرتەرەپتىن گۈللۈنگەن ،ھەممەتەلپۈنىدىغان سۇلالىگە ئايلانغان ئىلىم مەرىپەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان.بۇ دەۋىرنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ ئاتاشقابولىدۇ.بولۇپمۇ 1074-يىلى تەخىتتە ئولتۇرغان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان دەۋرى قاراخانىيلارسۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھىسابلىنىدۇ بۇ دەۋىردە يۈسۈپ خاس ھاجىب يىگانەئەسىرى ‹‹قۇتاد غۇبىلىكنى ››ئەبۇ ئەلى ھەسەن (ھارۇن)بۇغراخانغا تەقدىم قىلغانىدى .

 

ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ناملىق كىتابىدا شۇ دەۋىردىكى گۈللىنىش توغرۇلۇق مۇنۇلارنى يازغانىدى .
‹‹قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرائاسىيانى تىزگىنلىشى ۋە مەدىنىيەتتە گۈللەنگەن دەۋىرگە قەدەم قويىشى، ئۇيغۇرئەدەبى تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بىۋاستە رىقابەتكە چۈشتى، ھەتتا مەھمۇدقەشقىرىينىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا ‹‹سەلتەنەت قۇياشى تۈركلەرنىڭ بۇرجىدا جەۋلان قىلغان، زامان ئەھلىنىڭ تىزگىنى شۇلارنىڭ قولىدا››بولغان شارائىتتا ئىسلام شەرقىدىكى ئويغىنىش قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۈچىنجى باسقۇچقا كېردى ››دېگەنىدى .

 

پەلەك چاقى ئەلۋەتتە ئوڭ چۆرگىلىمەيدۇ دە مىلادى 1212-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەغلۇب بولىشى بىلەن سەلتەنەت قۇياشى ‹‹تۈركلەر بۇرجىدىن يۈزئۆرىدى››.
قاراخانىيلار سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن  ئۇيغۇرلارلا ئەمەس،ئوتتۇرائاسىيا  ۋە يىقىن شەرقنىڭ سىياسىھاياتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بۇ ئامىل بولسا مۇڭغۇل ئېگىزلىىدىن چىققان چىڭگىزخاندۇر، چىڭگىزخان 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەربى ھۇجۇمىنى مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن باشلىغان بولسا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى 1258-يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتقۇچە داۋاملاشتى ،ئۇئىگەللىگەن زىمىنلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇسۇلمانلارئولتۇراقلاشقان رايونلار بولۇپ شۇجايدىكى مۇسۇلمان ھاكىميەتلەر ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ يېڭىچە ھاكىميەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى .
گەرچە چىڭگىزخان ۋە كېيىنكى ۋارىسلىرىنىڭ ھاكىميىتى ئۇزۇن دەۋىر سۈرمەيلا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ سىياسى،ئىجتىمائى تەسىرى بۇ رايونلاردا خىلى كۆپ مەزگىل داۋاملاشتى.

 

چىڭگىزخان ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يولغاقويغان يېڭىچە ھاكىمىيەت ئەندىزىسى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا تارقىلىپ كېلىۋاتقان مەۋجۇتلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا مەھەللىۋىئىتىقاد سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ‹‹سوپىزىم›› پايدىلىق تەرەققى قىلىش پۈرسىتىگە ئىرىشتى .
‹‹سوپىزىم››تەلىماتى بولسا ئەڭ دەسلەپتە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋاپاتىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۇمەۋىيلەرسۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئاساسلىق ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنىڭ،يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ، بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق، چىرىكلىك كەيپىياتلىرىبىر تۈركۈم ئېتىقادى كۈچلۈك، ئەخلاق–پەزىلىتى ياخشى كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ جەميىتنىڭ تۆۋەن قاتلىمى ھىسابلانغان ئاددى خەلقنىڭ ئىددىيەسىدە نارازىلىق خاھىشى ئويغىتىپ،بۇنداق ئىجتىمائى كەيپىياتقا خاتىمە بېرىش ئىستكىنى پەيدا قىلاتتى.مۇقەررەركى،بۇنداق خاھىش ئىستەكلەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ئەكىس ئېتەتتى.
سوپى ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن قاراشلار يوق ،سوپىزىم ئىسلام دىنىدىكى تەركىدۇنياچىلىق ۋەمىستىزىم مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمى نامى، ‹‹سوپى››سۆزى ‹‹يىرىك يۇڭدىن توقۇلغان كىيىم››‹‹خام توقۇلما››دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ مەزكۇر مەزھەپتىكىلەرنەپسىنى  يېڭىپ، قەلبنى ئاللادىن باشقا ھەممە نەرسىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغان ئەخلاقى چۈشەنچىلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرغان، سوپىزىم ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكىدەك جاپا مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىش، تەركىدۇنياچىلىق تەلىماتىدىن ۋۇجۇتقا چىققان ۋە پەيدىنپەي راۋاجلانغان، ئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەسلەپكى دەۋىرلەردە بىر قىسىم تەقۋادار مۇرتلار جاپا-مۇشەققەتلىك زاھىتلىق يولىنى چىقىش نوقتىسى قىلغان ھالدا‹قۇرئان›دىكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، سەۋرى-تاقەت، ئىنساپ،ئىتائەتچان بولۇش، خەيىر-ئېھسان قىلىش، كەمتەر كىچىك پىئىل بولۇش قاتارلىق ۋەزپەرھىزلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ ئاددى-ساددا، نامرات، جاپالىق ھەتتا يەككە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىكى غۇربەتچىلىككە كۆنۈش ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن.

 

سوپىزىم دەسلەپتە مۇشۇنداق تارالغان بولسا كېيىنچە ھەرخىل ئىددىيەلەر قوشۇلۇپ ،ھەرخىل مەزھەپ ،پىكىر ئىقىملىرىغابۆلۈنۈپ كەتتى، سوپىزمنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى مەزھەپلەردىن سۈنئىي مەزھىپى قوبۇل قىلدى ،ئۇنىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىدىكى شىئە مەزھىپىمۇ ئېتىراپ قىلدى. سوپىزىم مىستىزمى بىلەن شىئە ئىلاھىيەتشۇناسلىقى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىدى.
سوپىزىمنىڭ قۇتۇبچىلىق ئىددىيەسى شىئەمەزھىپىدىكى ئىمام تەلىماتىدىن كەلگەنىدى، سوپىزمنىڭ تېئوسوپىيەلىك نەزەرىيەسى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى تېئوسوپىيەلىك نەزەرىيەلەر بىر-بىرىگە تۇتىشاتتى،سوپىزمدىكى مەھدىنىڭ قايتا يارىلىشىدىكى شەرت-شارائىت ۋە ۋاقىت شىئەلەرنىڭ نوقتىنەزىرىگەئاساسى جەھەتتىن ماس كېلەتتى .
ئۇنىڭدىن باشقا سوپىزمنىڭ‹‹پەيغەمبەرجەمەتى››‹‹پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى››غا نىسبەتەن روھىي ۋەھېسىيات جەھەتتە پەۋقۇلاددەچوقۇنۇش ۋە ساداقەتمەنلىك تۇيغۇسى بولۇپ، نەسەب-شەجەرىسىنى سۈرۈشتە قىلغانداھەمىشە ئەلى ۋە فاتىمەگە تۇتىشاتتى. بۇ خىل ئوخشاپ كېتىش ھەتتا ئوخشاش چېقىپ قېلىش ئەھۋاللىرى سەۋەبىدىن سوپىزىمنىڭ قانۇنلۇق ئورنى تەبىئى يۇسۇندا شىئە مەزھىپىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى .
شەرقى چاغاتاي خانلىقى قۇرۇلغان1348-يىلىدىن 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغانغا قەدەرسوپىزىم دىيارىمىزدا بىخلىنىشتىن تەرەققى قىلىپ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش ۋە سىياسى ھاكىمىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك دەرىجىگە يەتتى .
سوپىزىم ئىددىيەسىنىڭ بۇنچىلىك كۈچلىنىپ ئاخىرىدا مىللىتىمىزنى مەنىۋى، ۋە ماددى كىرزىسقا دۇچار قىلغان سەۋەبلەرنى مەن مۇنۇ بىر قانچە سەۋەبلەردىن ئىزدىدىم .

 

1-خەلقمىزنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋەئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ،ساھابىلەرگە بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىك ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى جەھەتتىن سوپىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ ھەدىسىلا‹‹پەيغەمبەرپۇشتى››دىن ئىبارەت كوزىرنى كۆتۈرۈپ چېقىپ خەلقىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىشى .

 

بەدەخشان ۋە ماۋەرا ئۇننەھىردەكۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە قازىنالمىغان رىياكار ئىشانلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ‹‹مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ پالانچى پۇشتى››دېگەن پەتىۋانى خۇرجىنىغا سېلىپ يۈدىگىنىچە تارىم ئويمانلىقىغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ كەلدى، بەدەخشان بۇخاراغا پاتمىغان، تىگى-تەكتى گۇمانلىق ئاشۇ بىر توپ جاھالەتچى پۇرسەتپەرەسلەر قانداق قېلىپ تارىم ئويمانلىقىدىكى بەخىتسىز خەلقنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى؟مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ پۇشتى قانداقلارچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاپاتىدىن مىڭ يىل كېيىن تۇيۇقسىزلاپەيدا بولۇپ قالدى، ھىدايىتۇللا ئافاق خوجا 5-ئەۋلاد دالاي لاماغا باشئ ۇرۇپ،1678-يىلى قەشقەرگە جۇڭغار قالماقلىرىنى باشلاپ كېرگىنىدە، قاراتاغلىقلارنىڭ پىشۋاسى بۇرھانىدىن خوجا ئاق تاغلىق خوجىلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مەنچىڭ چېرىكلىرىنى چىللاپ كەلگىنىدە؛ ۋەلىخان تۆرە قىزىل دەرياسى بويىدا ئادەم كاللىسىدىن مۇنار ياسىغىنىدا؛ 1865-يىلى ئىلى قوزغىلىڭى ۋاقىتلىق غەلبىگە ئېرىشكەن پەيتتە، قوقاندىن كەلگەن پوچى مەھمۇد ئىسىملىك قىرى خوجا ئۆزىنى‹‹غەۋسۇلئەززەمئەۋلادى››دەپ ئاتاپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغىنىدا نېمە ئۈچۈن ھېچكىم :‹‹ياق بولدى بەسپەيغەمبەر پۇشتى مۇنداق نائىنساپ بولمايدۇ، بىزنىڭمۇ ئۆز تاللىشىمىزبار…..››دېيەلمىدى .
ئۇزۇن يىللىق بېكىنمىچىلىك ۋە دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاشتەك بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىياتى تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چوڭ بىلىش ۋە ئۇلارغا تۆردىن ئورۇن بېرىشتەك پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى .شۇڭا ئۇيغۇرلار دەسلەپ سىرتتىن كەلگەن مۇھاجىرلارنى بەك چوڭ بىلگەن، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەن، ھەممە ئىشتا يول قويغان،  ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن نىكاھلىنىشقاقوشۇلغان. ئۇلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلىرى ۋە سېرتتىن ئېلىپ كەلگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ئارزۇ قىلغان. ھالبۇكى،نادانلىقتا قالغان يەرلىك خەلقنىڭ بۇنداق ياخشى كۆڭلى كۆپىنچە ئاسىيا مۇھاجىرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قوقانلىقلارنىڭ ھەسسىلەپ جازانە ئۈندىرىۋىلىشىغا سەۋەب بولاتتى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى مېھمان ھېسابلاپ ھەممە جەھەتتىن يول قويغىنى بىلەن،ئۇلار ھەرگىز يول قويمايتتى. چوقان ۋەلىخانوف بۇھەقتە مۇنداق بايانلارنى يازغانىدى:‹‹قەشقەردە قوقانلىقلار ۋە شالغۇتلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن خوجىلارنىڭ قوقانغاچېقىپ پاناھلىنىشى بەك ماس كەلگەچكە قوقان ھۆكۈمرانلىرى بۇنداق پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئالتە شەھەر خەلقنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى، يەنى 145مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە قوقانلىقلارنىڭ باشقۇرىشىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا قوقانلىقلار مانجۇھۆكۈمىتىدىن قىلچە تەپ تارتمايدۇ ئەمەلىيەتتە قوقان ئاقساقىلى بۇ يەردە بىرگوبېرناتور (باش ۋالىي)نىڭ رولىنى ئويناۋاتىدۇ،قەشقەرلىكلەر چەت ئەل مۇھاجىرلىرىنى يەكلىمەي ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ، جاھاندا ئۆز ئىززىتىنى بىلمەي قالىدىغان شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، سەن ئۇلارغا يول قويۇپ ئىززىتىنى قىلساڭ، ئۇسېنى ئاجىزچاغلاپ جاھاندىكى جىمى ئەسكىلىكنى قىلىپ بېشىڭغا چىقىۋالىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرگە يول قويۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس. قوقانلىقلار ئەنە شۇنداق كىشىلەر جۈملىسىگە كېرىدۇ ››

 

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئاسىيا مۇھاجىرلىرىنىڭ ئالتە شەھەردەقالدۇرغان تەسىراتلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ نەزىرىدىكى چەت ئەللىكلەر ئوبرازىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغانىدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارغا نىسپەتەن قارشى ئىلىش، مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش، چوڭ بىلىش، چوقۇنۇش، يول قويۇش ۋە ئەقىدە بىلدۈرۈشتەك ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ سىرتتىن كەلگەن ‹‹ئەۋلىيالارغا ››كۆرسەتكەن غەرەزسىز شاپائىتى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئويلاپ باقمىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە ساددىلىقى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مىللى ئاجىزلىق بولۇپ تۇيۇلدى. خۇددى چوقان ۋەلىخانوف يازغىنىدەك مانجۇ خاندانلىقىنىڭ ئامبال دارېنلىرى ئۇلارنى گۇمانخور،يالغانچى،ھورۇن نادان دەپ قارىسا ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئۇلارنى قورقۇنچاق، دىنى سۇس، ھەم بۇزۇق دەپ ھېسابلايتتى››.پۈتكۈل 19-18 ئەسىرلەردە يۈزبەرگەن قوقان، بۇخارا ۋە بەدەخشان خوجىلىرىنىڭ دىيارىمىزدىكى سورۇقچىلىقلىرى دەل يەرلىك خەلقنىڭ مانا مۇشۇنداق پىسخىك ئاجىزلىقى ۋە نادانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانىدى.ئۆز ۋەتىنىگە پاتمىغان ئاشۇ بىر توپ ئاتالمىش ‹‹خوجا-ئىشان››، ‹‹پەيغەمبەرپۇشتى››، ‹‹سەئىد››› ‹‹شەيخ››، ‹‹پىر ئەۋلىيا››لار يەرلىك خەلقنىڭ ساددىلىقى ۋەسىرىتتىن كەلگەنلەرنى چوڭ بىلىشتەك پىسخىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بۇ يەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەرقتىكى ‹‹جەننەت››ىگە ئايلاندۇرىۋالغانىدى. چوقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ ئالتە شەھەر ھەققىدىكى خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى :‹‹ئوتتۇرا ئاسىياخوجىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى توغرا دەپ ئىشىنىدۇ. خوجىلار زىناخورلۇق قىلسا ،ھاراق ئىچسە، كوچىلاردا ئاياللارنى تۇتېۋىلىپ چۈمبىلىنى ئېچىۋەتسە، كىشىلەرگە ئۇلارساۋابلىق ئىش قىلىۋاتقانداك تۇيۇلىدۇ . بولۇپمۇ،قەشقەرلىكلەر خوجىلارنى كاتولىك مۇخلىسلىرى پاپانى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار خوجىلارنى بارلىقئ ىنسانلاردىن پاك ئىنسان دەپ قارايدۇ ›› .

 

گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە شۇنىمۇقىستۇرۇپ قويغىم كېلىۋاتىدۇ،19.ئەسىردە ئۆتكەن داڭلىق تارىخچى موللا مۇسايرامىمۇئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى تارىخى ھەمىدىنىڭ 457.بىتىدە ئۆز نەسەبنامىسى ئۈستىدەتوختىلىپ ئاخىرىدا نەسەبىنى ئەلى كەرىمۇللا ۋەجھۇغا باغلىغان، بۇبەلكىم ھەقىقى نەسەبنامىدۇر ياكى ئالىمىمىزنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا بولغان ساداقىتى،تۈپەيلىدىندۇر مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ نەسەبنامىدىنمۇ كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى شۇ دەۋىردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ پۇشتى دىگۈچىلەرگە ئالاھىدەھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ .

 

2.پارس تىلىنىڭ، پارس ئەدىبىياتىنىڭ مىسىلسىز تەرەققىياتى،ھەم شۇنىڭغا ئەگەشكەن ئۆزلۈك ئىڭىنىڭ سۇسلىشىشى ،ئۆزلۈكتىن يىراقلىشىپ ئەرەب پارس مەدىنىيىتىگە قارىغۇلارچە ھەۋەس قىلىپ چوقۇنىشى .

 

ھالبۇكى 15-ئەسىرگە كەلگەندە ۋەزىيەتتەزور ئۆزگىرىش بولدى. ئۆز دەۋرىدە‹‹ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەكتەڭ چېپىشىپ كېتىۋاتقان ››تۈركى تىلى ئەمدىلىكتە پارس تىلىنىڭ خۇراسان(شەرقى ئىران)نى مەركەز قىلىپ گۈللىنىشى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا‹‹پارسگۇي››(پارسچە يېزىشقا مايىل)لىق دولقۇنى ئەۋج ئالدى.بۇ ھەقتە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى مۇنداق دەپ يازېدۇ:‹‹تىمۇرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە پارس تىلى بىلەنئەرەب تىلى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى بويلاپ ناھايىتى كەڭ تۈردە يامراپ كېتىشى بىلەن، ئەدىبىياتتا ھاكىم تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. تۈركىي تىلداسۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەدىب شائىرلىرى ئۆز ئانا تىلنى تاشلاپ ياكى ياراتماي پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشنى بىر خىل مودىغا ئايلاندۇرىۋالغان . ھەتتا ئۆز ئاناتىلىدا يازغان ئەدىب-شائىرلار مەسخىرە قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى ››بۇنداق بولۇشنىڭ مۇئەييەن تارىخىي ئاراقا كۆرىنىشى بار. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىران تېرىتورىيەسىدە قۇرغان سالجۇقىيلار قاتارلىق بىر قانچە ھاكىميەتلىرىدە پارس تىلى ھاكىميەت تىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 10-ئەسىردىن15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا پارس ئەدەبى تىلى ۋە ئەدىبىياتى مىسىلسىز گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيادا زور تەسىرلەرنى پەيداقىلغانىدى بۇنىڭ نەتىجىسىدە پارسلار بىلەن يېقىن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر پارس تىلى ۋە ئەدىبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى. پارسچە يېزىش پارسچە ئوقۇش دولقۇن ئەۋج ئالدى. ھەتتا شۇ دەرىجىگەبېرىپ يەتتىكى، ئۇلار ‹‹پارسىي شېكەرەسىت››،(پارس تىلى شىكەرتىلى)‹‹ئەرەبىي ھەسەلەسىت››(ئەرەب تىلى ھەسەل تىلى)دەپ داۋراڭ سىلىشتى .

 

مۇشۇنداق شارائىتتا نەۋايى، سەككاكى،لۇتپى، ئاتايى قاتارلىق ئەدىب-شائىرلار تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن گەرچە ئۇلار ئۆزى پارسچە بىلسىمۇ، تۈكىي تىلىدا ئىجادىيەت ئىلىپ باردى.ئەلشىر نەۋايى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ‹‹مۇھاكىمەتۇل لوغاتەيىن››ناملىقى ئىلمى ئەسىرىدە تۈركىي تىلى بىلەن پارس تىلىنى سىلىشتۇرۇپ،تۈركى تىلىنىڭ پارس تىلى مۇمكىن بولمىغان ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسەتتى. شۇنداقلا ‹‹تۈركىي ھۈنەرەسىت›،(تۈركىي تىلى ھۈنەرسەنئەت تىلى)دەپ ئاتىدى…..

 

گەرچە بۇ جەرياندا تۈركىي تىلى بىلەن پارس تىلى بىر –بىرىگە ئورتاق تەسىر بېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقى مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئەرەب ئىسلام مەدىنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن پارس مەدىنىيتى،پارس تىلى ،گۈللەنگەن پارس ئەدىبىياتىنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە كىشىلەر روھىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۆزگىرىش ياسىدى .
شۇنىسى قىزىقارلىقكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرئومۇميۈزلۈك ئىسلام ئېتىقادىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئىجادىدا ياراتقان، غايىۋىلەشتۈرۈلگەن قەھرىمانلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىشتى.قارا خانىيلار دەۋرىدىن كېيىن ئالىپ ئەرتوڭا، ئوغۇزخان ھەققىدىكى رېۋايەت قىسسەلەرقايتا تىلغا ئېلىنمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا پارسچە قىسسەلەردىكى رۇستەم،جەمشىد، شاھىمەردان، ھاتەم، فىرىدون، سوقراب،سىياۋۇش، ئەردەشىرقاتارلىق قەھرىمانلار ئوبرازى ئالماشتى، غاپۇرۇف:‹‹تاغلىق رايوندىكى تاجىكلار بىرە ئىش باشلىغاندا ‹ياپىرىم رۇستەمدىن مەدەت›دەپلا باشلايدۇ. ئۇلار ئاسماندىكى ھەسەن-ھۈسەننى ‹رۇستەمنىڭ ئوقياسى›غا تەقلىد قىلىدۇ كاماننى رۇستەم دەپ ئاتايدۇ›،دەيدۇ.

 

تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىمۇرۇستەم جەمشىتلەرنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئىلاھلاشتۇرىدىغان ئادەتلەر رېۋايەتلەرھىلىھەم ساقلانماقتا .
توغرىسىنى ئېيىتقاندا، نەۋايىدىن كېيىنكى بەش ئەسىر بىزگە ‹‹ئۇلاغۋار پەلسەپە››لەرنى ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرقاتماللىقىنى، ئىجادىيەت ئېڭىنى ئەمەس، بەلكى تەكرارلاش كېسىلىنى؛ ئەقىل مېۋىسىنى ئەمەس. بەلكى دىنى ئەسەبىيلىكنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئەدىبىيات-سەنئەتتە  ئاۋۋالقىلارغا تەقلىد قىلغان دورامچىلىق،تەكرار يېزىش، ئىجادىيەت ئىلھامىنى ئۆز مىللىتىنىڭ رىئال تۇرمۇشىدىن ئەمەس، بەلكىئەرەب –پارس مەنبەلىرىدىن ئىزدەشتەك خاھىشلار ئەۋج ئالدى(ئەلۋەتتە، بەزى بىرقىسىم مۇۋاپىقىيەتلىرىنىمۇ تامامەن ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ ).

 

ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، پاراكەندىچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن خوجىلار دەۋرىدە مىللىتىمىز روھى جەھەتتىن مەھكۇملۇققا دۇچار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ماددى موھتاجلىق، جىسمانى ساپاسى چېكىنىش، نوپۇس ئېغىر دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىشتەك قىسمەتلەرگىمۇ دۇچ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەت گەۋدىسىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ تۇرغان مىللى روھ ۋەئۆزلۈك ئېڭى بار-بارا سۇسلىشىپ باردى. 15-ئەسىردىن كېيىن بولۇپمۇ خوجىلارپاراكەندىچىلىق سالغان دەۋىرلەردە ‹‹ئۇيغۇر››دېگەن نامىمىز دىيارىمىزدا تامامەن ئېستىمالدىن قېپقالدى. ‹.ئۇيغۇر››دېگەن ئېتنىك نام 14-15-ئەسىرلەردىن كېيىن ئاساسەن گەنسۇدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ساقلىنىپ قېلىپ ئىسلام دىنىغاكېرگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بار-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغانىدى.

 

ياپونىيەلىك سەيياھ تاجىبانا ئۆزدەۋرىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغانىدى:‹‹قەشقەردىن خوتەنگە بېرىش سەپىرىمىزدە بىر تاغلىق كەنتتىن ئۆتتۇق. بىز چۈشكەن قونالغۇغا بىر ئۇيغۇر دېھقان ھال-دەرت ئېيتىپ كەلدى، ھەمدە بىرپارچە ئەرزنامىسىنى سۇندى. بۇ ئەسلىدە يەر تالىشىش ماجىراسى بولۇپ، بۇ يەردەتۇرۇشلۇق جۇڭگونىڭ مەمۇرى ئەمەلدارلىرى ئاللىقاچان ھۆكۈم چېقىرىپ بولغان ئىش ئىكەن. لېكىن ھىلىقى دېھقان بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي بىزنىڭ قايتىدىن ھۆكۈمچېقىرىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كەپتۇ. گەرچە ئاددى ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇكى، بۇيەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەتىگەياردىمى بولىدىغانلا بولسا كىمنىڭ كېلىپ باشقۇرىشى بىلەن پەرۋايى پەلەككەن تارىختىمۇ شۇنداق بولغان ھازىرمۇ شۇنداقكەن››.

 

خەلق ‹‹پىر››‹‹ئۇستاز››دەپ پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن قوقانلىق خوجىلارغا باش قويغىنى بىلەن، بىراق ئۇلار بولۇپمۇ ‹‹قوقانلىقلارھىمايە قىلىپ تۇرغان ۋەلىخان تۆرە يەرلىك ئاھالىنى ناھايىتى پەس كۆرەتتى ››
3.سوپىزىمنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن زوردەرىجىدە يېراقلىشىپ ،سىياسى ئىشلارغا ئارىلىشىشى .
تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت بۇ پەلسەپەۋى تەلىمات 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ، بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ماۋەئۇننەھىر ۋە بەدەخشان رايونلىرىدىن قەشقەر تەرەپكەسۈرۈلگەن، سوپى-ئىشانلارنىڭ خۇسۇسى ھوقۇق مەنپەتلىرى ۋە سىياسى غەرەزلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىلدى. نەتىجىدە ئىسلام دىنىدىكى يۈكسەك پەلسەپىۋى تەلىمات بولغان تەسەۋۋۇپ كېيىنچە خوجا-ئىشانلار تەرىپىدىن ئەسلىدىكى ئۆزىنىڭ رېڭىنى يوقىتىپ، تەسەۋۋۇپ تونى كىيدۈرۈلگەن بىمەنە سەپسەتىگە ئايلانغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى تەسەۋۋۇپ تەلىماتى بىلەن كېيىنكى خوجا –ئىشانلارنىڭ ئەسەبى پائالىيەتلىرى بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنەتتى. شۇنداق بولغاچقا ئابدۇراخمان جامى، نىزامى، ھاپىز شىرازى،ئىمام غەززالى، جالالىدىن رۇمى، ئەھمەد يەسەۋى، ئەلشىر نەۋايى، مەشرەپ قاتارلىق بۈيۈك كىلاسسىڭلارنىڭ بەدىئى ئىجادىيىتىدە ئەكىس ئەتكەن تەسەۋۋۇپ ئىددىيەلىرى ۋەپەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرىنى ھەرگىزمۇ ئاپپاق خوجا ۋە شۇنىڭدەك ‹‹ئاق تاغلىق››،‹‹قاراتاغلىق››خوجىلارنىڭ مەنىۋى مالىمانچىلىقى بىلەن سىلىشتۇرغىنى بولمايتتى.خۇددى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم ‹‹جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا››ناملىق ماقالىسىدەقەيىت قىلغىنىدەك، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دىيارىمىز تۇپرىقىنى مالىمان قىلغان ئاشۇ خوجا-ئىشان ۋە ئاتالمىش سوپىلار، .ئەمەلىيەتتە سېپى ئۆزىدىن ‹.جاھالەت پىرلىرى››ئىدى.

 

ئەھمەد يەسەۋىمۇ ئۆز دەۋرىدىلا ھەقىقى، ساپ تەسەۋۋۇر مەيدانىدا تۇرۇپ، ۋۇجۇدىغا ‹‹ئىلاھى ئىشىق›،نىڭ ئوتى تۇتاشقان تەقۋادارئاشىق بىلەن ئالدامچى، ئىككى يۈزلىمىچى رىياكار سوپى شەيخلەرنى كەسكىن تەشەببۇس قىلغان ۋە ساختىپەز سوپىلارنى قاتتىق سۆككەن:

 

مەن رىيالىخ شەيخنى كۆرۈپ تەپكۈمكېلۇر،
ھەقدىن يۈزمىڭ بالا تىلەپ سەپكۇمكېلۇر.
شەمشەرئالىپ باشلىرىنى چاپقۇم كېلۇر،
قايدا بارىپ ئىشق دۇككىنى قۇردۇم مانا .

 

ئۇلۇغ شائىر نەۋائىمۇ ئۆزىنىڭ‹.مەھبۇبۇل قۇلۇپ››ناملىق ئەسىرىدە مەخسۇس بىر باپنى ئاشۇ رىياكارسوپى-ئىشانلارنىڭ ساختا تەقۋادارلىقىنى ئېچىپ بېرىشكە بېغىشلىغان.
موللا مۇسا سايرامىمۇسوپى-ئىشانلارنىڭ ساختا تەقۋادارلىقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرىدىن جاھاندارچىلىق ۋاستىسى ئۈچۈنلا پايدىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ:
ھەممە ئىشان تەمەئىدىن خالى ئېرمەس،
يەنە ئۇشبۇ رىيادىن خالى ئېرمەس.
رىيادېگەن ئىبادەت قەرچەسىدۇر،
تەختى كۈللى ئەمەلىنى كەسكەچىدۇر.

 

بۇ كۈندە نەفىسكە قۇل ھەممە ئىشان،
نەپەردە نەفىسنى ئۆلتۈرگەن ئىشان؟
تافىلماس خالىس ئىشان مىسلى ئەنقا،
ئۆزىنى مەخپى تۇتۇپ كۆرسەتمەس ئەسلا.

 

شۇڭا، بىز مىللىتىمىز پەلسەپە ۋەئىجتىمائى ئىدولوگىيە تارىخىنىڭ مۇھىم سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرى ۋە كىلاسسىك مۇتەپپەككۇرلىرىمىز قارىشىدىكى تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرى بىلەن جاھالەتچى خوجا-ئىشانلارنىڭ سەپسەتىلىرىنى كەسكىن پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك.ئەمەلىيەتتە ئاپاق خوجا ۋە ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق خوجىلار ۋەكىللىكىدىكى رىياكارسوپى-ئىشانلارنىڭ بىمەنە تەرغىباتلىرى تەسەۋۋۇپ تەلىماتىغا زىت بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە تەسەۋۋۇپنىڭ مەنبەسى بولغان ئىسلام دىنى ۋە ‹‹قۇرئان كەرىم››گىمۇ زىت ئىدى ،شۇڭا موللا مۇسا سايرامى بۇ ھەقتە قەتئى قىلىپ:‹‹ئاق تاغلىق ئەھلى بىلەن قاراتاغلىق ئەھلى تا بۇ زاماندىمۇ بىر-بىرىگە قارشى ئىدى. بۇ تايىپىلەر كاشىغەردە ناھايىتى كۆپ، ھەر ئىككى تايىپىنىڭ ئىتىقادى خاتاۋە بىھۇدىدۇر››دەپ يازغانىدى.

 

4.ھۆكۈمرانلارنىڭ سوپىزىم ئىددىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىشقا بولغان ئارزۇسى
سوپىزىم ئىددىيەسىنىڭ جەمىيەتتە كەڭ تارقىلىشى ۋە ھاكىميەتكە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشىنى يەنەھۆكۈمدارلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قىلىش خاھىشىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولىدىن ھاكىميەتنى تارتېۋىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئالدىدىكى تەھتىتلەردىن بىرى يەنىلا ئەرشىدىن ۋەلى ئەۋلادلىرى بولدى. سۇلتان سەئىدخان ئەرشىدىن ۋەلى ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت زور دىنى كۈچكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر دىنى كۈچكە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى.شۇڭا ئۇ سەمەرقەنىتتىن كەلگەن خوجا مۇھەممەت يۈسۈپكە مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ،‹‹ماناشۇ خوجا ئارقىلىق ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ››، ‹‹خوجىنىڭ بوسۇغىسىغا باش ئۇرىدۇ››
سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئابدۇرېشىد خانمۇ ئەرشىدىن ۋەلى كۈچلىرىگە قارىتا دادىسى بىلەن ئوخشاش يول تۇتقان.موللا مۇسا سايرامى ‹‹ئۇچاغلارداخوجا مۇھەممەت شېرىپ پىردېگەن(ئىشان )كىشى كەلگەنىدى ئابدۇرېشىدخان ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى››دەپ يازىدۇ . ئابدۇرېشىدخاندىن   كېيىنكىلەرمۇ مانا شۇ يۇسۇندا خوجىلاردىن بىرەرسىنى ھاكىمىيەتنىڭ ‹‹مەنىۋى تۈۋرۈكى››قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى.

 

مەيلى ماۋارەئۇننەھردە بولسۇن،مەيلى شىنجاڭدا بولسۇن ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى خانلارنىڭ خوجىلارغا‹‹مۇرت››بولۇپ ئىخلاس بىلدۈرىشلىرىدە دىنى مەقسەتكە قارىغاندا كۆپىنچە سىياسى غەرەز ئاساسى ئورۇنداتۇرغان.
ئۇلار خوجا ئىشانلارغا مايىللىق بىلدۈرۈپ،ئۇلارنى قوللاپ،پائالىيەتلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋەتۈرلۈك مۇددىئالىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىكىدە بولغان .
ئەلۋەتتە بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ جۇڭغار خانلىقى ،خوجىلار دەۋرى ،مەيلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بولسۇن ھۆكۈمدارلار خوجىلاردىن ھەر ۋاقىت پايدىلىنىپ كەلگەن .

 

5.ھاكىميەتلەرنىڭ ئالمىشىشى،ھۆكۈمدارلارنىڭ زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ خەلقنى تىنىچ ئاسايىشلىق تۇرمۇشتىن مەھرۇم قىلىشى ،ھەرخىل ئىددىيەلەرنى زورلاپ تېڭىشى .

 

بۇ خىل ئەھۋال سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان بولۇپ مىلادى 1638-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاخان ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن كېيىن ھاكىميەتنى تىزگىنلەپ تۇرىۋاتقانقاراتاغلىقلاردىن ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئۈچۈن قەشقەرنائىبى بولۇپ تۇرىۋاتقان يولۋاسخاننى ئاق تاغلىق تەرەپدارلىرى كۈشكۈرتىشى ھەم مەدەت بېرىشى بىلەن ئاخىرىدايولۋاسخان ھاكىميەتنى قولىغا ئالدى،ئاقتاغلىقلارمۇ ھاكىميەتنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن قاراتاغلىقلارنىڭ ئۈستىدىن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنى باشلىۋەتتى ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنداق ھاكىميەت تالىشىش ماجىرالىرى ئاددى ئاۋامنىڭ تىنچ ئاسايىشلىق تۇرمۇشىنى بۇزۇپ بالىيى-ئاپەتكە دۇچار قىلدى ،قايسى تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسەشۇ تەرەپ ئۆز مەزھىپىگە كېرىشنى ئاددى ئاۋامغا زورلاپ تاڭدى .بۇنداق بالايى-ئاپەتلىك دەۋىرلەر جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى،خوجىلار دەۋرىدىمۇ زورداۋاملاشتى، بۇنىڭ تەسىرىدە خەلقىمىز ماددى جەھەتتىن نامراتلىققا پىتىپ قالدى،نۇرغۇن كىشىلەر تەركىدۇنيا بولۇپ ،دەرۋىش، سوپى ،قەلەندەرلەر ھەممە جايدائاۋۇپ كەتتى .

 

مىللىتىمىز تارتقان رەنج مۇشەققەتلەر،خار زەبۇنچىلىق…لارنى ئارقىمىزغا تاشلاپ قويۇپ مانا 21-ئەسىرگە كېرگىنىمىزگىمۇ15يىلدىن ئاشتى ،بۇ يۈز يىل ئىچىدە مىللىتىمىز ،مىللىتىمىز كىشىلىرى ئەلۋەتتەمۆجىزە ياراتتى ،‹‹ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى ››نىڭ مۇئەللىپلىرىگە ئوخشاش، نۇرغۇن ئاپتورلار مىللىتىمىزنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەھۋاللىرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەكبۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن يەنە 100يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن.لېكىن بۇ قەيسەر قەۋم ئۈمىدلىك قەدەملەر بىلەن يەنىلا زەپەردەس مۇساپىسىنىداۋاملاشتۇرماقتا .بۇنىڭ ھەممىسى 20-ئەسىردە مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئوت يۈرەكلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى ئەلۋەتتە .

 

20-ئەسىرگە قارايدىغان بولساق400يىلدىن بۇيانقى ئىغىريۈكنى تاشلىۋەتكەن بولساقمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئىڭىدا يىلتىزتارتقان ھەددىن ئاشقان ساداقەت ،قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ئەگىشىشنىڭ تۇمانلىرى تارقاپ كەتكىنى يوق يورۇق ئاسماندىكى شۇ بۇلۇتلارغا قارىغىنىمىزدا 30-يىللاردا ئابدۇغوپۇرشاپتۇل داموللىنىڭ تەپتارتماستىن دەريا-دەريا قان تۆككەن جاللات شىڭ شىسەينى كۆككەكۆتۈرۈپ :‹‹ناۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كېلىدۇ دېيىلگەنبولسا، چوقۇم شىڭ دۇبەن جانابلىرى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز بولۇپ كەلگەن بولاتتى ››دەپ جۆيلۈشلىرى .

 

دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى خوجانىياز ھاجىنىڭ قانخور سىتالىننىڭ گۆھەردىن قىممەت پۇلغا سېتىۋالغان قۇرالغائىسمىنى يېزىپ قويسىلا ‹‹ياشسۇن سىتالىن ››دەپ شۇئار توۋلاشلىرى .
يەنە مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىداكىشىلىرىمىزنىڭ قارىغۇلارچە ھالدا شەخىسكە چوقۇنىشى…………….
بۇ بايانلار خۇددى شۇ زۇلمەتلىكيىللاردىكى تۇمانلارنىڭ سايىسىدەكلا بىلىنىدۇ ماڭا .

 

مانا ھازىرچۇ ؟ئەلۋەتتە ھازىرمۇپات-پات شۇنداق ئاسارەتلەر كۆزۈمگە چىلىقىپ قالىدۇ بىرلىرى ئۆزىنى ئاپاق خوجىنىڭ مانچىنجى ئەۋلادى پالانى تۆرە پالانى ھاجىم دەپ بەزى كىشىلىرىمىزنى ئالداپ يىلىكىنى شورىماقچى بولۇشلىرى .
بەزىلەرنىڭ بىز پوكۇنى بەگنىڭ پوكۇنىباينىڭ ،ئەۋلادى قۇرۇق سۆڭەكنى غاجاپ كىشىلىرىمىزدىن ھۆرمەت تەمەسىدە بولۇشلىرى .
ئۆزىنى بۇغراخاننىڭ مانچىنجى ئەۋلادى دەپ ئۆز سودا،تىجارەت ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياراتماقچى بولۇشلىرى شۇنى دەستەك قىلىپ،ئىناۋەت تاپماقچى بولۇشلىرى .

 

ھەرەمگە ماڭماقچى بولغان ھاجىلارنى ھەتتاكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇزىتىپ يېنىشلىرى،ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئالدىغا چىقىشلىرى ،ھاجى ئاتالغان كىشىلەرنىڭمۇخۇددى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس باشقىلار ئۈچۈن ھاجى بولۇپ كىلىشكەنلىرىدەك گىدىيۋىلىشلىرى،ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاشلىرى .

 

دۆلىتىمىزنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانغاندىن كېيىنكى قەشقەرگە كېرىۋاتقان تاجىك ،ئوردۇ،
پارس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توپىنىڭ كۆپىيىشى ماڭا قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەتتى ،ھەم ئەنسىرەتتى بەزىلەر ھەرەمگەقانچە يىقىنلاشقانچە شۇنچە دىندار ،چاغلامدىكىنتاڭ ئۇلارغائالاھىدە ھۆرمەت بىلەن كۆز تىكىشلىرى ،ھەۋەسلىنىپ قاراشلىرى پات-پات ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىۋاتقان،بىللەئولتۇرىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى، ھەم ئاتىسى ئوردۇ شالغۇت ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلساق قاراپ تۇرۇشلىرى .

 

‹‹سادام ھۈسەيىن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىشىغا چىقتى ››دېگەندەك پاجىئەلەر
ئىران سابىق زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاتنى ماختاشلار ھەتتا دادىسىغا ئوخشايدىغانلىقى توغىرىسىدا بىلجىرلاشلار….
بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوتتۇرائەسىرلەرنى ئەسلىتىپ قويىدۇ .

 

پەيغەمبىرىمىزنىمۇ ساھابىلەر ئۆزىدەيوق سۈپەتلەر بىلەن ماختىغىنىدا ئۇنى كەسكىن رەت قىلغانلىقى،ھەم ھەرقانداق ئىرىق،قەۋمنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈن ئەمەسلىكى پەقەت ئۈستۈنلۈك تەقۋادارلىقتىلائىپادىلىنىدۇ دېگەنلەرنى ئەسلەپ قالدىم.
ھەددىدىن زىيادە ساداقەت،ھۆرمەت،ھەتتا چوقۇنۇش ئىنساننىڭ ئۆزلىكىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ ،ئىنسان روھىيىتىگەقۇلچىلىق ،خۇشامەتچىلىق ،تەمەخورلۇق ،ئۈمىد كۈتۈش …تەك ناچار خۇلقلارنى تامغىلايدۇ .
ئىنسانغا ،ئىنسانىيلىق سۈپىتىدەھۆرمەت ،مېھرى –مۇھەببەت بىلدۈرۈرۈش ،ساداقەت بىلدۈرۈش ،بۇبىر ئېسىل خىسلەت چۈنكى ھەممەيلەن ئادەم ئەلەيھىسالام بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ئۆزگەرمەس مىزاندۇر .

 

ئىنسانغا ،ياكى مەلۇم قەۋمگەچوقۇنۇش، ئۇنى ئۆزى ياشاۋاتقان قەۋمدىن چوڭ بىلىش ،ئۆز قەۋمى ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقانمەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەدىسىلا ئۆزگە قەۋىم ھەققىدە باش قاتۇرۇش ،بۇئۆزىدىن تانغانلىق تۇزكورلۇق ھىسابلىنىدۇ،شۇڭا ئۆزىمىزنى قەدىرلەش ،ئۆز قەۋمىگە ساداقەت بىلدۈرۈش ،داموللامنى ئۆزگىدىن ئەمەس ،ئۆزىدىن ئىزدەش بۇبىر ئاقىلانىلىك ھەم ئىنسانىيلىق بۇرچتۇر

 

پايدىلانغان كىتابلار:ئەسئەت سۇلايماننىڭ تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ، تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە
موللا مۇسا سايرامى :تارىخى ھەمىدىيە
ئابدۇرېھىم ھاشىم مەشھەدى:ئاتۇش(1)
ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت:تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى
http://bbs.bagdax.cn/forum.php
Share
2389 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.